2009.يىلى 26.يانۋار
«ئەگەر سىز بلوگ يېزىپ پۇل تېپىپ باي بولغىلى بولىدۇ» دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقلا بەكلا خاتالاشقان بولىسىز. ئۇيغۇرچە بلوگ يېزىپ باي بولۇپ كېتەلمەيسىز، چۈنكى ئاۋۋال ئۇيغۇر تورداشلار ئاز، بلوگ قىزغىنلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭدىن قالسا نۇرغۇنلىغان ئەخلاقسىزلىق بىلەن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار بىلەن بلوگنى توشقۇزىدىغان بلوگلار يامان تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم بلوگلار بلوگ ئېلانى ئارقىلىق ئازغىنە بولسىمۇ ئىقتىسادىي بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ. كۆپ قىسىم بلوگلار Google Adsense ياكى Alimama ئېلانىنى قويىدىغان بولۇپ، ھەممىلا ئېلاننى بلوگقا قويغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بلوگ ئېلانىدا كىرىم قىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى بىر توختىۋېلىپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ: سىز بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىشنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئويلاپ باققانمۇ يوق؟
بۇ سوئالغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپقاندىن كېيىن ماقالىنىڭ داۋامىغا كۆز يۈگۈرتكەيسىز.
1.پۇل تېپىش ئۇسۇلى
نۆۋەتتە بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى بەك كۆپ ئەمەس، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئۇسۇللارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:##CONTINUE##
(1) ئېلان چېكىلىشى ئارقىلىق پۇل تېپىش، مەسىلەن: Adsense .
(2) شىركەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئېلان ماقالىسى يېزىپ بېرىش، مەسىلەن: ئۇلانمىلاردا يېزىلغان ئالتۇن يازغۇچى ماقالىلىرى.
(3)ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش، مەسىلەن: Alimama ئېلانى.
(4)ئېلان زىيارەتچلىرىنىڭ ئېلان شېركىتىگە تىزىملاتقانلىق قاتارلىق مەشغۇلات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەق بېرىش ئېلانلىرى(CPA)
(5)Feed ئېلانى.
(6)ئۇلىنىشنى سېتىش ئارقىلىق ھەق ئېلىش.
(7)بلوگ باشقۇرغۇچىسى باشقا شەخىس ۋە ئورۇن بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق ئېلانلارنى قويۇپ ھەق ئېلىش.
(8)باشقا ئۇسۇللار: ھەرخىل تور بېكەت ۋە شېركەتلەر ئويۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.
2.ھەرقايسى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى
(1) ئېلان چېكىلىشى ئارقىلىق پۇل تېپىش.
بۇ ئۇسۇلنىڭ ياخشى يېرى ئېلان مەزمۇنىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، بىراق ئايرىم چېكىلىش باھاسى ناھايىتى تۆۋەن(بولۇپمۇ خەنزۇچە تور بەتلەرنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن). ئەگەر ساختا چېكىلگەنلىك ئەھۋالى بايقالسا، ھەرۋاقىت قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ كېتىش خەۋپى بار.
(2) ئېلان ماقالىسى يېزىپ بېرىش.
شەرتكە توشقان ئېلان ماقالىلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىر قەدەر ياخشىراق دەپ قارىغان ئېلان ماقالىسى ئادەتتىكى ئەھۋالدا 100 سوم ئەتراپىدىكى باھاغا يارايدۇ. بىراق ئېلان ماقالىسى بەك كۆپ يېزىلىپ كەتسە بلوگ زىيارەتچلىرىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيان بولىدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلارغا نىسبەتەن باشقا يېزىقلاردا ئېلان ماقالىسى يېزىش تېخى ئىزدىنىپ كۆرۈش باسقۇچىدا تۇرغان ئىش.
(3)ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش
بۇنداق ئېلاننىڭ ھەق بېرىشتە قارايدىغان ئۆلچىمى دەل سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قېتىم سانى. زىيارەت قېتىم سانى يۇقىرى بولسا، ئېلان باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بۇنداق ئېلانلار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى زىيارەت قېتىم سانىغا ساختىلىق ئىشلىتىش بەك ئاسان.
(4)زىيارەتچىلەر مەشغۇلات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەق بېرىش
بۇنداق ئېلاننىڭ يەككە باھاسى تۆۋەن ئەمەس، بىراق بۇ ئېلاننى قويۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئېلاننى قويۇپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كىشىنى بىر قەدەر خوشال قىلغۇدەك ئېلان كىرىمى بولىدۇ.
(5)Feed ئېلانى.
Feed ئېلانى ئادەتتە ئېلان قويۇلغان بلوگنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىغا قاراپ ھەق بېرىدۇ، مەسىلەن: Feedsky نىڭ Feed ئېلانىنىڭ ھەر مىڭ قېتىملىق كۆرۈلۈشى 5 سوم. ئەگەر بلوگنىڭ مۇشتەرى بولغانلار سانى يېتەرلىك كۆپ بولمىسا بۇ ئېلاننى ئالمىغان ياخشى.
(6)ئۇلىنىشنى سېتىش ئارقىلىق ھەق ئېلىش.
ئەگەر بلوگىڭىزنىڭ Page Rank سى بىر قەدەر يۇقىرى بولسا، ئۇلىنىشنى سېتىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل كىرىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ دەسمايىسى تۆۋەن، تاپقىلى بولىدىغان پۇلمۇ كۆپ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا خەتىرىمۇ يۇقىرى، ئەگەر Google سىزنىڭ ئۇلىنىشىڭىزنى ساتقانلىقىڭىزنى بىلىپلا قالسا سىزنىڭ PR قىممىتىڭىزنى نۆل قىلىپ قويىدۇ ياكى ھوقۇقىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
3.دۆلەت سىرتى ۋە ئىچى
(1)ھازىرقى ئەھۋالى
دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئېلان تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار بلوگ ئۈچۈن ئېلان تەمىنلىمەيدۇ، دۆلەت سىرتىدا ئاز بولمىغان مەخسۇس بلوگ ئېلانلىرى بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىملىرى چەتئەل يېزىقىدىكى بلوگلارنى قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ.
(2) ئېلان كىرىم ھېساباتىنى يۆتكەش ئۇسۇلى
دۆلەت ئىچىدىكى ئېلان ئورۇنلىرى ئادەتتە تور بانكىسى ۋە ئالىپاي ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ئېلىنمايدۇ.
دۆلەت سىرتىدا ئادەتتە پايپال (paypal) ئىشلىتىدۇ، بۇ سىزدىن خەلىقئارالىق ئىناۋەتلىك كارتا بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر. يەنە كېلىپ يۆتكەلگەن ھېساباتنى نەق پۇل قىلىپ ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاز بولمىغان رەسىمىيەتلەرنى ئۆتىمىسىڭىز بولمايدۇ.
(3) ئېلان مەزمۇنى:
دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئېلانلار ئەسلىدىنلا بلوگقا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر نېمە دوختۇرخانىسى، ئالتە خانىلىق كىيۇكىيۇ نۇمۇرى ئېلانى دېگەندەكلەر.
چەتئەلنىڭ ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى بلوگقا ماس كەلسىمۇ ، لېكىن چەتئەل تىلدىكى ئېلان چېكىلىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4.زىيارەتچىلەرنىڭ بلوگنى كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟
(1) بلوگقا قويۇلغان ئېلان سانى
قويغا ئېلان سانى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاش توغرا ئەمەس. سىز يەنە بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ بلوگقا قارىتا كۆز قارىشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
(2) بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى
بەزى چەتئەل ئېلانلىرى بىر قىسىم مائارىپ، ئىدارە–ئورگان تورىدا ئېچىلمايدۇ، بۇنداق ئېلاننى ئەڭ ياخشىسى ئالمىغان ياخشى، چۈنكى ھەقسىز توردىن بەھىرلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىدارە–ئورگان خىزمەتچىلىرىدىن تورغا چىقىدىغانلار ئاز ئەمەس.
بلوگ ئېلانىدا كىرىم قىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (1)
blogspotتا بەت ئايرىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2009.يىلى 25.يانۋار
ئالدىنقى قېتىم«blogspot قا تولۇق ئوقۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش » ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ blogspot تىكى بىر تېخنىكىلىق مەسلىگە جاۋاب تاپتىم دېسەم، بەزى تورداشلىرىمىز blogspot نى blogbus بىلەن يۈزەكىلا سېلىشتۇرۇپ،«blogspot تا بەتلەرنى سانى بويىچە ئايرىپ كۆرسىتىدىغان ئىقتىدار يوق، شۇڭا يەنىلا blogbus ياخشى» دەپتۇ. مېنىڭ ھېچقاچان ماۋۇ ئانىڭدىن ياخشى دەپ سېلىشتۇرۇش ئويۇم يوق، چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. تەكلىماكان بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۆز ماقالىسىدە «ئەڭ ياخشى بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسى يەنىلا blogger» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ دەل ئۇلانمىلار ئىشلىتىۋاتقانblogspot شۇ. لېكىنblogbus ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولغاچقا باشقا بلوگلارنى چەتكە قېقىشى نورمال ئەھۋال. مېنىڭ مەقسىتىم بىزگە ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللايدىغان تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسىدىن يەنە بىرنى كۆپەيتىش، خالاس. ھەرگىزمۇ ماۋۇ ئانىڭدىن ياخشى دەپ باشقىلارنى چەتكە قېقىش ئەمەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تورداشلارغا blogspot نىڭمۇ بەتنى ئايرىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىدىن ئۇلانمىلاردىكى ماقالىلەر كۆپرەك بولغاندا ھەل قىلارمەن دەپ ئويلىغان بۇ مەسلىنى باشقا ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئاددى بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ قويدۇم. مەن ھەل قىلغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن كود بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا ماقالە قىلىپ يازاي دېسەم يەنە بۇنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ «بۇ بەك كۆپ كود ئىكەن، يەنىلە قولايسىزكەن» دېمەسلىكى ئۈچۈن(ئەمەلىيەتتە بلوگ باستا سىز js كودىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ئىقتىدارلارنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىپ كۆرسىڭىزمۇ شۇ تېخنىكغا ئەجىر قىلغان ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئاز ئىش قىلمىغانلىقىنى بىلەتتىڭىز.)ۋاقتىنچە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتتىم. ئەلۋەتتە، ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئاستىغا بۇ ئىقتىدارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.يەنە باشقا مەسىللەر بولسا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، ھەممىمىز ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەيمىز، شۇنداق بولغان ئىكەن سەمىمىي تەكلىپ– پىكىرىڭلارغا ھەرۋاقىت ئىنتىزارمەن!
ئۇلانمىلارغا قوشۇلغان بەت ئايرىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ رەسىمى: ##CONTINUE##
تېخنىكىلىق ماقالە ئىزدەش جەريانىدا كىرگۈزۈلگەن ھالقىلىق سۆز:
1.numbered page for blogger
2.加上方便瀏覽的頁數按鈕
3.为文章添加翻页功能
4.分页导航 blogspot
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تېپىلغان توربەتلەر:
http://evadavid.blogspot.com/2008/08/blogger.html
http://zakipush.blogspot.com/2008/09/blogger.html
http://www.oscargp.net/en/2008/05/entradas-relacionadas-en-blogger.html
http://singpolyma.net/category/beta/
http://qzonepub.blogspot.com/2008/12/blogger_1708.html
http://guostone.blogspot.com/2007/11/blogspot.html
http://rias-techno-wizard.blogspot.com/2008/07/page-navigation-hack-for-blogger.html
http://www.bloggerbuster.com/2008/08/numbered-page-navigation-for-blogger.html
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەيكى، بلوگچى بولۇش يالغۇز باشقىلارنىڭ تەييار ئىشلىگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ماقالىلا يوللاش ئەمەس، سىز يەنە ئازراق بەت لاھىيلەشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگېنىپ بلوگچىلىقنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە خاس، ئۆزگىچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى يارىتىشىڭىز كېرەك. كومپىيۇتېر سەۋىيسى تۆۋەن دوستلارغا نىسبەتەن ئۇلانمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان تېخنىكىلار ۋە تېخى ئېچىلمىغان ئىقتىدارلار قېيىن تۇيۇلسا ئۇنىڭ ئىشى ئاسان، مەنمۇ بلوگ نۇسخىسى ياساپ ھەممە ئىقتىدارلارنى شۇ نۇسخىقا قوشۇۋەتسەملا ئىش پۈتىدۇ. چۈشۈرۈپلا ئىشلتىسىز.بىراق بىر ئادەم ئۇسلۇب ياساپ تارقاتقاندىن ئۇسلۇب ياساش تېخنىكىسىنى ئون ئادەمگە ئۆگېتىپ قويسام تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟!
بارلىق توربەتلەر ئۇيغۇرچە قوللىسۇن
2009.يىلى 24.يانۋار
ئالدىنقى قېتىم «بارلىق باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن(http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_3238.html)» ناملىق ماقالىنى يوللىغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. يالغۇز سەلكىن مۇنبىرىدىلا ئۇ ماقالىنىڭ كۆرۈلۈشى 1500 قېتىمدىن ئېشىپ مېنى بەك خوشال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئالقىشقا سازاۋەر بولىدىغان، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كومپىيۇتېر سەۋىيسى قوبۇل قىلالايدىغان يەنە بىر پارچە ماقالە يازمايمۇ دەپ ئويلاۋېتىپ بارلىق تور بەتلەرنى(تور بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدىكى تەجىرىبە–ساۋاقلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئىلگىرى Weft تىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلاتتى، كېيىن مايور ئەپەندى CreateMyeot ناملىق يۇمشاق دېتالنى ياسىغاندىن كېيىن تور بەتلەردە باشقىلارنىڭ ياسىغان تەييار eot نى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېز ۋە ئاددى ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەن بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر ماقالىنى ئۇچراتمىغان بولغاچقا سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي بۇ ماقالىنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىدىم، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئۇلانمىلار بلوگىدىكى ئەسلى تېما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ، قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!
بەزىلەر بۇ ئۇسۇلنى باشقىلارنىڭ eot نى ئوغۇرلاش دەپ ئاتىۋاپتۇ، ئەسلىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان بىر تور بېكەتنى مىسالغا ئېلىپ تونۇشتۇرايمىكىن دېگەن، لېكىن مەنمۇ «ئوغرى» بولۇپ قالماي دەپ ئۇلانمىلارنى مىسال ئالدىم، ئۇلانمىلار تېخنىكىسىنى خالىغانچە «ئوغۇرلىساڭلار» ھېچقانداق جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، ئۇيغۇرچىلاش تېخنىكىسى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مەنسۇپ!
بىز ئاۋۋال ئۇلانمىلار بلوگىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
تور بەتنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىپ كۆرىمىز، 查看->源文件 ##CONTINUE##
خاتىرە دەپتەردە كۆرۈلگەن بەت مەنبە كودىدىكى تاللانغان ئىككى قۇر كودنى كۆردىڭىزمۇ ؟ پۈتۈن بلوگنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىۋاتقان نەرسە مۇشۇ شۇ.
بۇ ئىككى قۇر كودنى ئۆز بلوگىمىزغا قويساقلا ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ئىشقا ئاشامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. بىز بۇ كودتىكى بەتكە باغلانغان http://anatilim.blogbus.com/files/12317621920.css نى ئېچىپ كۆرۈپ باقىلى:

دېمەك بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تونۇتۇش تېخنىكىس تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەردىكى كودلار بار، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يەتتە قۇر شۇ. بۇنىڭدىكى باشقا مەزمۇنلار بىلەن ۋاقتىنچە كارىمىز بولمىسۇن.
بۇنىڭدا بىزگە لازىمى http://anatilim.blogbus.com/files/12315694430.eot ، بۇنى كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىۋالىمىز ئاندىن مايور ئەپەندىنىڭ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاچىمىز.

ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل رامكا چۈشۈرىۋالغان ھۆججەتنىڭ ئورنى، ئوتتۇرىدىكى كۆك رامكىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە تونۇتماقچى بولغان توربەت ئادرېسىنى يېزىپ قوشسىڭىز ئاستىدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇندا قوشۇلغان توربەتلەر كۆرۈنىدۇ، ھۆججەتنى ساقلىغاندىن كېيىن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن جەرياننى كەينىگە ياندۇرسىڭىز بولىدۇ، يىغىنچاقلاپ كۆرسەك:
ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان تەييار eot ۋە css ھۆججىتىگە ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۆز بېتىمىزگە قويىمىز.
قوشۇمچە:
1.مايور ئەپەندىنىڭ eot ياساش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر

يۇمتالنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى : نېت رامكىسىنىڭ 2.0 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرى .
نېت رامكىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى : www.soft8.net قا كىرىپ Microsoft .NET Framework v2.0 دەپ ئىزدىگەندىن كېيىن چىققان چۈشۈرۈش ئادرىسلىرىدىن بىرنى تاللاپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ(بۇ ھەم باشقا يۇمشاق دېتاللارنىمۇ چۈشىرىدىغان ياخشى ئورۇن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمەن).
eot ياساش يۇمتالىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
: http://anatilim.blogbus.com/files/12327637730.rar
2.eot ۋە css ھۆججەتلىرى تور بوشلۇقىغا يوللانغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ، blogbus تا ھەقسىز 10مىگابايىتلق بوشلۇق بولۇپ شۇنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بولسا بىر نەچچەيلەن بۇ ھۆججەتلەرنى ئورتاق ئىشلىتىپ بوشلۇق تېجىسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈرىيتى بولسا مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان توربەتلەرنى تىزىملاپ ئورتاق بىر ھۆججەت ياساپ بەتكە قويىدىغان كودنىلا سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە بەرسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى تېخنىكىنى ئىگەللىۋالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇ بەك تەس ئىشمۇ بولمىغاندىكىن ھورۇنلۇق قىلماڭ، چۈشەنمىگەن يېرىڭىزنى سوراڭ، ئاللاھ خالىسا بۇ تېخىنىكا كەڭ ئومۇملاشقۇسى.
3.بەزى تورداشلرىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەسەر ھوقۇقى بەلگىلىك قوغدالسۇن ئۈچۈن ماقالىدە ئىشلىتىلگەن رەسىملەرگە ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئادرېسى قويۇپ قويۇلدى.
تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى ئۇلانمىلار بلوگىدىن كۆرگەيسىز، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بلوگ ئېلانىنى كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن، كۆپ رەھمەت!
blogspot قا تولۇق ئوقۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش
2009.يىلى 23.يانۋار
بلوگلارنىڭ باش بېتىگە كىرگەندە ماقالىلەرنىڭ مەلۇم قىسمىلا كۆرۈنىدۇ، زىيارەتچىلەر بۇ قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تېمىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن «تولۇق ئوقۇش» تۈرىنى تاللاش ئارقىلىق ماقالىنى تولۇق ئوقۇيدۇ. مانا بۇ بلوگنىڭ تولۇق ئوقۇش ئىقتىدارى، blogbus تا بۇ ئىقتىدار بىۋاستىلا كۆرۈنىدۇ، لېكىن blogpsot بىۋاستە ھالدا تولۇق ئوقۇش ئىقتىدار يوق، شۇڭا يوللانغان ماقالىلەرنىڭ باش بەتتە كۆرۈنىشى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە كۆپ قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ،بۇ ھەم blogpsot نى بەزى دوستلارنىڭ تاللىماسلىقىدىكى ئاساسلىق تېخنىكىلىق مەسىللەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلدى، ئېھتىياجلىق دوستلار پايدىلىنىپ كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭلارنى بەرگەيسىلەر!
1.ئاۋۋال blogpsot نىڭ باشقۇرۇش ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ كىچىك قورالدىن بىرنى قوشۇش ئىقتىدارىنى تاللايمىز. 布局-> 添加小工具##CONTINUE##
2. Java Script/HTML نى قوشىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ
3.تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە تېمىغا ##HIDEME## دىگەننى چاپلايمىز، مەزمۇنغا ئاستىغا بېرىلگەن كودنى چاپلاپ ساقلايمىز.
كودنى بۇ يەردىن كۆچۈرۈڭ:
<script src="http://blogger-ext2.googlecode.com/files/jquery.pack.js" type="text/JavaScript"></script>
<script src="http://blogger-ext2.googlecode.com/files/blogger_ext2-core-0.6.3.pack.js" type="text/javascript"></script>
<script src="http://blogger-ext2.googlecode.com/files/plugin_replace_continue_markup.pack.js" type="text/javascript"></script>
<script>
BloggerExtOptions.replace_continue_markup_as_link = true;
</script>
4.ئەمدى ماقالە تەھرىرلەشكە كىرىپ، يوللاپ بولغان ماقالىدىن بىرنى ئېچىپ سىز باش بەتتە كۆرۈنسۇن دېگەن يەرنىڭ ئارقىغىلا
## CONTINUE## (بۇ كود تېما ئىچىدە كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا يوقاپ كەتمىسۇن دەپ C نىڭ ئالدىغا بىر بوش ئورۇن قويۇپ قويۇلدى، ئىشلەتكەندە بوش ئورۇننى چىقىرىۋېتىپ ئىشلەتكەيسىز!)
نى قوشۇپ قويسىڭىز باش بەتتە مۇشۇ يەرگىچە كۆرۈنۈپ ئاخىرىغا + Read More دەپ چىقىدۇ.

ھەربىر قېتىم ماقالە يازغاندا بۇ كودنى بىر قېتىم ئىشلىتىش ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ لېكىن ياخشى يېرى سىز باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىسمىنى ئۆزىڭىز خالىغىنىڭىزچە بەلگىلىيەلەيسىز. بۇ تېمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرلەرنى بەرگەن ۋاقىت بلوگى باشقۇرغۇچىسىغا ئالاھىيدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تورداشلارنىڭ داۋاملىق قوللاپ تۇرۇشىنى بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بلوگ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.ئېلان كىرىمىنى تېزراق توشقۇزۇپ زادى بلوگدىن كىرىم قىلغىلى بولىدىغان–بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەي دەپ ئويلاپ نەچچە قېتىملاپ ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇڭلار دېسەممۇ، ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشى بەكلا ئاز بولغاچقا بلوگنىڭ كۈنلۈك زىيارىتى 300دىن ئېشىپ تۇرۇپمۇ كىرىم بولمايۋاتىدۇ، ياردەم قىلساڭلار !
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئۇلانمىلار بلوگى
قارشى ئېلىنمايدىغان بلوگلار
2009.يىلى 22.يانۋار
بۇ ماقالىدە بلوگ ھەۋەسكارى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قانداق بلوگلار بلوگ زىيارەتچىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىپ كۆرۈلدى. قارشى ئېلىنمايدىغان بلوگلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1.بلوگ ئۇسلۇبى رەتسىز
ئېلان ۋە رەسىملەر كۆپ بولۇپلا قالماي، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بلوگلار بىردەك تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
2.باش بەتتە كۆرۈنىدىغان ماقالە ئۈزۈندىسى ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدۇ
«ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.» نۇرغۇن بلوگ ھەۋەسكارلىرى ماقالە تېمىسى ۋە باش بەتتە كۆرۈنگەن تېما ئۈزۈندىسى ئارقىلىق تېمىنى تولۇق ئوقۇش، ئوقۇماسلىقنى بېكىتىدۇ.
3.ئۇزۇنغىچە يېڭىلىماي تاشلىنىپ قالغان##CONTINUE##
سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەلۇم بىر ياخشى ماقالە ئوقۇرمەننى ناھايىتى قىزىقتۇرغان ئىدى. 5 كۈن ، 10 كۈن ، 30 كۈن، شۇ تېمىنىڭ داۋاملىق تىلغا ئېلىنىشىنى ئۇ شۇنچە تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، ئەپسۇس، ئاخىرىدا سىزنىڭ باشتا ئۇنى قىززىقتۇرغان تېمىنى يوللىغىنىڭىزدىنمۇ سىزدىن رەنجىدى. سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىدىن تېخىمۇ ياخشى ماقالە يازغان ھالەتتىمۇ ئۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزغا قايتا يېقىن يوللىمايدۇ.
4.يېڭىلىنىشى بەك تېز
ھەممە نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بلوگمۇ شۇنداق: يېڭىلىنىش بەك تېز بولۇپ كەتسە ئوقۇرمەندە «بۇنداق كۆپ يېڭىلانغان ماقالىلەردە پايدىلىق مەزمۇن ۋە سۈپەتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ »دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ. سىز «مەزمۇننىڭ كۆپ بولۇشى باشقىلارنى كۆپ جەلىپ قىلىدۇ. »دەپ ئويلاپ ھە دەپ مەزمۇن قوشسىڭىز ياكى باشقا يەرلەردىن كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز ئاسانلا باشقىلارنى زېرىكتۈرىسىز.
5.مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشى باشقىلارنىڭ تېمىسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس، كۆچۈرۈپ چاپلانغان تېمىنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغانلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ بولدى. مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشى ئەسلىدىنلا باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى يېزىلىپ بولغان بىر تېمىنى شۇنىڭ نامى بىلەن سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، ئەھمىيتى بار يېڭىلىچە ئوي–پىكىر قوشماي قايتا تىلغا ئېلىشتۇر.
6.بەك كۆپ مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن بولۇش
ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمغان قىزىقىشى بولىدۇ. بلوگ بىر كىچىك ئائىلە بەك كۆپ تۈرنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىۋېلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس، سىزنىڭ بلوگىڭىز مەزمۇندىكى ئىزچىللىقنى ساقلىسا، شۇ مەزمۇن بىلەن ئوخشاش قىزىقىشقا ئىگە بىر توپ كىشىلەر سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز بولسىلا سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بلوگچى بولغان بولىسىز.
7.تېما مەزمۇنى بەك ئۇزۇن
بلوگ تىلى چۈشىنىشلىك، سەھىپىسى ئاممىۋىي بولسا زىيارەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇزۇن ماقالىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ باققان ئادەمدىن قانچىسى بار دەيسىز ؟!
8.ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇش
سىز بەلكىم بۇنى بىر كىچىك مەسىلە دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، بىراق سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىز ئانا يېزىقىمىزغا ھاقارەت قىلىش دېگەندەك چوڭ جىنايەتنى سۈرۈشتۈرمەيلى، ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپ بولۇشى يەنە مۇنداق ئىككى مەسلىنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرىنجى، بلوگ يازغۇچى ئىشنى ئەستايدىل قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ؛ ئىككىنجى، بلوگ يازغۇچىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر يېزىقى گىرامماتىكا جەھەتتىن ئاسان يېزىق ئەمەس، شۇڭا قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەيسەن دېيىش توغرا ئەمەس ، ئامال قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، بولسا ئاۋارىچىلىق كۆرمەي ئىملا تەكشۈرۈش قوراللىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك.
9.تېما مەزمۇنى ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدۇ
بەزى ماقالىلەرنىڭ تېمىسىنى ئوقۇسا ياخشى، لېكىن مەزمۇنى كىشىنى دېگەندەك خوش قىلىپ كېتەلمەيدۇ.
10.قايتۇرغان ئىنكاسقا جاۋاپ يازمايدىغان بلوگلار
زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشى ئەخلاق جۈملىسىدىن بولغان ئىكەن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق ھالدا جاۋاپ يېزىشىمۇ ھەم ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش : ماقالىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، كۆچۈرمەكچى بولغان ئورۇنغا مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەيسىز.ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
بلوگىڭىزغا ھەقسىز تۇغ ياسىتىۋېلىڭ 2
2009.يىلى 21.يانۋار
ئۇلانمىلار بلوگى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرچە بلوگلارغا ئاز–تولا بولسىمۇ ياردىمى بولار دېگەن مەقسەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەقسىز تۇغ ياساپ بېرىش پائالىيتى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بىرىنجى قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان 25 بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى تۇغلاردىن ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى ئېيتىپلا قالماي، پائالىيەت ۋاقتىدا خەۋەرسىز قالغان باشقا بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ئارقا– ئارقىدىن مەن بىلەن ئالاقىلاشقان ئىدى. لېكىن ئۇلانمىلار بلوگى يېڭى قۇرۇلغان سەۋەبلىك يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمىسە بولمايدىغان بولغاچقا يەنە بىر قېتىملىق ئوپچە ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت بولمىغان، بۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېز سۈرئەتتە ۋاقىت يەنە بىر قېتىملىق تۇغ تەمىنلەپ بېرىش پائالىيتىنى ئويۇشتۇرماقچى، ئىككىنجى قېتىملىق ھەقسىز تۇغ تەمىنلەپ بېرىشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ :##CONTINUE##
1.تۇغ ياساتقۇچىلار پەقەت بلوگلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تۇغ چوڭلۇقى 88*31 بولىدۇ، تۇغ ھۆججىتى jpg بىلەنلا چەكلىنىدۇ، gif رەسىمىدە لاھىيلەتكۈچىلەر كۆپ بولسا سۆز قالدۇرسىڭىز، ئاللاھ خالىسا ئۈچىنجى قېتىملىق پائالىيەت ئويۇشتۇرۇشتا ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
2.تىزىملاتقۇچىلار بىردەك ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە سۆز قالدۇرۇشى، يەنى «تۇغ تىزىملىتىمەن»دەپ يېزىپ، بىرلىكتە بلوگ ئادرېسىنى قويۇپ قويۇشى كېرەك. دىققەت : پائالىيەتنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن ئارىلىقتا ئىلتىماس قىلغانلار قايتىدىن ئىلتىماس قىلغايسىز، كۆپ رەھمەت.
3.ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ۋە سانى:
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2009.يىلى 22.يانۋاردىن 26.يانۋارغىچە بەش كۈن بولىدۇ(بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يەنە پائالىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى). ئىلتىماس قىلغانلار رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى 25 بلوگقا تۇغ تەمىنلەپ بېرىلىدۇ (يۇقىرىدا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى تىلغا ئېلىنغان ئارىلىقتا ئىلتىماس قىلغانلار پەقەت بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلسىلا سان چەكلىمىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. )، بەلگىلەنگەن تىزىملىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئىلتىماسى بىردەك ئىناۋەتسىز.ئەلۋەتتە، ئۈچىنجى قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن تەكلىپ–پىكىر بېرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
4.تۇغ تەمىنلەش ۋاقتى:
ئىلتىماس قىلىنىپ تەستىقلانغان بلوگلار تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ تېمىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ ئاستىغا(http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/2.html) ئۇدۇللۇق بلوگ ئادرېسى يوللىنىلىپ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. بارلىق تۇغلار 2.فېۋرالدىن بۇرۇن ئۇلانمىلار بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ۋە بلوگلىرىمىز بلوگىدىكى ماس ئورۇنغا تۇغ رەسىمى قويۇلىدۇ.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: «ئۈچ كۆپ(ئېلان بەك كۆپ، مەزمۇن بەك چېچىلاڭغۇ، مەزمۇن بەك ئاز)» بلوگلىرى بىردەك تەستىقلانمايدۇ، ئەپۇ قىلغايسىز!
ئالدىنقى قېتىملىق پائالىيەتكە دائىر مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگەيسىز:
ئۇلانمىلار ئىزدىنىشى ئۈچىنجى قېتىملىق ئىزدىنىش دوكلاتى (بلوگىڭىزغا ھەقسىز تۇغ ياسىتىۋېلىڭ):
http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_4885.htmlئۇلانمىلار ئىزدىنىشى تۆتىنجى قېتىملىق ئىزدىنىش دوكلاتى (باشتىكى بلوگلار تۇغى پۈتتى ، ھوزۇرلىنىڭ):
http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_08.htmlئۇلانمىلار ئىزدىنىشى بەشىنجى قېتىملىق ئىزدىنىش دوكلاتى (بلوگ تەتقىقاتى ئاخىرلاشتى. ):
http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_10.html
ئۇلانمىلار بلوگىنى يېقىندىن قوللىشىڭىزنى، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تەكلىپ – پىكىر بېرىشىڭىزنى ۋە بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى، ئىقتىسادىي يۈكنى ئازغىنە يىنىكلىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ بلوگ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئۇلانمىلار بلوگى(http://ulanmilar.blogspot.com/)
QQ توپىمىزغا قوشۇلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز:34296971
ulanmilar@163.com
ئىلتىماس قىلغان بلوگلار تۆۋەندىكىچە:
21.يانۋار
http://lopnuri.blogbus.com
http://shemsher.blogbus.com
http://waqit.blogspot.com
http://aser.blogbus.com
http://darslik8.blogbus.com
islam yoli(كەچۈرۈڭ، بلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرغايسىز، كۆپ رەھمەت! )
22.يانۋار
http://koxmak.uzblog.cn
http://uyghurtekin.blogbus.com
23.يانۋار
http://sahra.blogbus.com
http://taraweh-islamsoft.blogspot.com
25.يانۋار خۇلاسە قىلىندى
ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بلوگلار:
1.http://shemsher.blogbus.com
تەستىقلانماسلىق سەۋەبى: 23.يانۋار كىيۇكىيۇ توپىدا تۇغنى ئۆزى پۈتتۈرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

2.http://koxmak.uzblog.cn
تەستىقلانماسلىق سەۋەبى: بلوگ قەتئىي ئېچىلمىدى.
كۆرسەتمە ئۇچۇرى: سېستىمىدىن ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى.
ئىلتىماسى تەستىقلانغان بلوگلار ۋە بلوگ تۇغى:
1.http://lopnuri.blogbus.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125518589.jpg

2.http://waqit.blogspot.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125213705.jpg

3.http://aser.blogbus.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125676390.jpg

4.http://darslik8.blogbus.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125956196.jpg

5.http://uyghurtekin.blogbus.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125139131.jpg

6.http://sahra.blogbus.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125300905.jpg

7.http://taraweh-islamsoft.blogspot.com
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125889927.jpg

ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: ئىككى قېتىملىق ھەقسىز تۇغ ياساپ بېرىش پائالىيتىدە ھەر قېتىملىق ئىلتىماس قىلغانلار پىلاننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن سەۋەبلىك، تۇغ ئىلتىماسى قىلغۇچى بلوگلار ئانچە كۆپ ئەمەس دەپ قارىلىپ بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن (مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن) قايتا تۇغ ئىلتىماس قىلغانلار بىردەك رەت قىلىنىدۇ، ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز!
2009.يىلى 25.يانۋار
ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن
2009.يىلى 17.يانۋار
يېڭى تونۇشقان دوستۇم ئازغۇن ئالاھىيدە ئەسكەرتىش بېرىپ ، ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەرنىڭ قۇر ئاخىرىدا چوڭ بوشلۇق قېلىپ ناھايىتى سۈپەتسىز كۆرۈنىدىغانلىقىنى ، ھەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىسىت كىرگۈزگۈشتە(http://www.uyasp.net/loghet/Default.asp) كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىن ئېيىتقان ئىدى .تۆۋەندە سۈپەتسىز كۆرۈنۈشنىڭ ئۈلگە مىسالىغا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىككى پارچە رەسىمنى كۆرۈپ باقايلى :
بۇ تەكلىپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى ھالەت :##CONTINUE##
مەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىنكى ھالەت :
ئۇنداقتا مەن بۇ مەسلىنى دوستۇمنىڭ تەكلىپى بويىچە شۇ تېكىسىت كىرگۈزگۈشكە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ ھەل قىلدىممۇ ؟ مەن ئۇنداق قىلمىدىم ، چوقۇم شۇنداق بىر جۈملە كودنىڭ بارلىقى يادىمغا يېتىپ شۇنى ئىزدىدىم ، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :
دېمەك ئۇيغۇرچىنى بىر قۇرغا تولۇق چىقىرىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا جۈملە كود بولسا بولىدىكەن ، بۇ مەيلى بلوگ ، مەيلى تور بەت بولمىسۇن ، تېما مەزمۇنى بۇ كود ئىچىگە كىرسىلا بولىدۇ . ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن !
ئۇلانمىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ
2009.يىلى 17 .يانۋار
ئۇلانمىلار بلوگى قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە بلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە بلوگ ياساش تېخنىكىلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن ئازغىنە بولسىمۇ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ ھال ئۇلانمىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بلوگنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە ئىزدىنىشتەك شانلىق ۋەزىپىگە ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولدى. 25 بلوگقا تۇغ رەسىمى ئىشلەپ بېرىلدى، مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن ۋە ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولمىسۇن مەلۇم سەۋىيىگە يەتتى دەپ قارالغان 140 دانە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى بلوگلار بلوگلىرىمىز بلوگى(http://bloglirimiz.blogspot.com)دا تىزىمغا ئېلىنىپ ئىسىم تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىلدى. ئەمدىكى مەسىلە ئۇيغۇرلاردا تېخى يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى دەپ قارىغان بلوگلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، قۇرۇلغىنىغا خېلى كۆپ ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ تېخى نىشان بېكىتەلمەي تاشلىنىپ قالغىنىغا خېلى بولۇپ قېلىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقان بلوگلارغا قانداق يول كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن بلوگ يېزىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى بارلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن، لېكىن بلوگ يېزىشقا شۇنداق ماس كېلىدىغان تالانتلىقلارنى قايتىدىن ئويغىتىش ۋە بلوگ يېزىش، ياساشقا ئائىت تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش ئىدى. يۇقىرىقى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان ۋە ئاكتىپ قوللىغۇچىلارغا تايانماي بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بلوگلىرىمىز ھەمكارلىق تەشۋىقاتى ئېلان قىلغان، لېكىن ناھايىتى ئاز سانلىق بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى بۇنى كۆردى. كۆرگەنلەرمۇ دىققەت ئېتىبارى بىلەن قارىمىدى. چۈنكى يۇقىرىقىدەك نىشانلار بىلەن بلوگ يېزىشقا تۇتۇش قىلغان ئۇلانمىلار بلوگىنى ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەنلا «ھە بۇ بىر ئۇلىنىش تور بېتىكەنغۇ خالاس!» دەپ ئويلايدىغان دوستلار ئۈچۈن ئۇلارغا بىر–بىرلەپ چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بولسا ئىدى، مەن ھەرگىزمۇ ئېغىرچىلىق كۆرمەس ئىدىم. لېكىن بلوگ قۇرۇلغىنىغا ئانچە كۆپ بولمىغان بولغاچقا يۇقىرىقى نىشانغا يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمىسە،تۇغ ياساپ بېرىش، بلوگ ياساشتىن ئايرىم دوستلارغا مەسلەھەت بېرىش، ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بەلگىلىك قوللىنىش قىممىتى بار تېخنىكىلىق ماقالىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىسا بولمايتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك مۇراجىئەت ئېلان قىلىمەن : ##CONTINUE##
1.ئۇلانمىلارنى دوستانە ئۇلىنىش قىلىشىڭلارنى ۋە ئۆز بلوگىڭلار ئۇلانمىلار تۈرلىرىدە بولمىسا بلوگىڭلارنىڭ خاسلىقىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى بېكىتىپ سۆز قالدۇرۇپ، قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
2. بلوگىڭلاردىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىدىغان خەتلىك، سۈرەتلىك تەشۋىقات ئۇلىنىشىنى قويۇپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
3.ئۇلانمىلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ماقالىلىرىنى باشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنلاردا ئېلان قىلىپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.
4.زىيارەت سانى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان بلوگلار تېخى ئېلان كىرىمى قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلانمىغان بولۇپ،سىز ئېلان كىرىمى قىلغۇدەك بلوگقا ئىگە بولدۇم دېگەن ۋاقىتقىچە بولغان زىيارەت قېتىم سانىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن ئۇلانمىلارنىڭ بلوگ ئېلانىنى قويۇپ قويۇشۇڭلانى ئۆتۈنىمەن. ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئىقتىسادلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنى ناھايىتى تېزلىكتە كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىدۇ.
ئېلان قويۇش ئۇسۇلى: تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويسىڭىز بولىدۇ(دىققەت! بۇ ئېلانلاردا ساغلام بولمىغان ئېلانلار يوق، ئەگەر بايقالسا باشقىلار كۆرگۈچە مەن ئۆچۈرېۋىتىپ بولىمەن) . كۆپ رەھمەت
<script src="http://ad2.bloggerads.net/showads.aspx?blogid=20090106000378&charset=utf-8" type="text/javascript"></script></span>
ئېلان ئىلتىماس قىلىش،بلوگقا قويۇش ۋە ئېلان كىرىمىنىڭ ھېسابىنى ئۆز ھېسابىغا يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەرقانداق قېيىنچىلىقلارغا يولۇقساڭلار بلوگىمىزنىڭ كىيۇ كىيۇ توپىدىن، ياكى بىۋاستە ئېلكىتىرونلۇق يوللانما يوللاپ مەسلەھەت سورىساڭلار بولىدۇ، ئاخىرىدا دىلئۇز بلوگى(http://diluz.blogbus.com/)نىڭ بلوگ ئېلانىمنى ئۆز بلوگىغا قويۇپ بەرگىنىگە ۋە شاتلىق بلوگى(http://xadlik.blogbus.com/)نىڭ بلوگ ئۈستىگە 520*70 چوڭلۇقتىكى تەشۋىقات ئۇلىنىش رەسىمى قويۇپ بېرىپ قوللىغانلىقىغا سەمىمىي مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
ھەممە باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن
2009.يىلى 16.يانۋار
توردىكى بەزى نادىر ماقالىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ساقلاپ قويۇپ ئايرىم تەتقىق قىلغۇمىز كېلىدۇ .مەن ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەكتەپتىكى باسمىخانىلاردا ئۇيغۇرچە فونىتلار يوق . ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قوياي دېسە بەزى يولداشلار قوشۇلمايدۇ ، شۇڭا ھەممىلا باسمىخانىدا ياقتۇرىدىغان ماقالىلىرىمنى باستۇرۇپ ئېلىپ قويۇشۇم قولايلىق بولىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا «كومپىيۇتېر مەستانىلىرى» ئېلىكىتىرونلۇق ژورنىلىدىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك تېخنىكىنى تاپقان ئىدىم(ئۇنى كۆرگىنمگە ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە قانچىنجى سانىدىن كۆرگىنمنى ، كىم يازغان تېما ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم ،ئەپۇ قىلغايسىلەر !) ، ھەم بىر يىل ئىلگىرى شىئەندە بىر سان چىقىرىپلا توختاپ قالغان «ياشلىق چەشمىلىرى» ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باسمىخانىدىكى باسما تىزىش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرچە فونىتنى قەتئىي قوللىماسلىق قېيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋالغان ئىدۇق . بىر يېرىم يىلدىن بېرى بۇنى ئاز بولمىغان دوستلارغا ئۆگەتتىم ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى ۋورد ھۆججىتىگە باغلىۋېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ، تۆۋەندىكى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ»ناملىق ماقالىسىنى ئۇيغۇرچە فونىت بولمىغان تورخانىلاردا ، باسمىخانىلاردا ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار ، نورمال كۆرۈنەمدىكەن .
قوش تىللىق مائارىپ
بۇ تېخنىكىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : ##CONTINUE##
1.ئۆزىڭىز باستۇرماقچى بولغان ماقالىنى ئاۋۋال ئۇيغۇرچە فونىت بار كومپىيۇتېر ئىچىدە ۋورد ھۆججىتى شەكلىدە تىزىۋالىسز .
2.工具=> 选项 ,تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ :
3.保存 ئىچىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدە قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇندىكى ئىككى توغرا بەلگىسىنى تاللاپ ، رەسىمدىكىدەك ھالەتتە بولغاندىن كېيىن ، جەزىملەشتۈرۈپ ، ۋورد ھۆججىتىنى بىر قېتىم ساقلىۋەتسىڭىز ، سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بىردەك ھۆججەت ئىچىگە باغلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە فونىت يوق ئورۇنلاردىمۇ ئاچالايمىز .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش : ۋورد ھۆججىتى سېغىمى كىچىك ، ھەم ھەممە كومپيۇتېردا قوللايدىغاندەك ئالاھىيدىلىككە ئىگە ،ئۇيغۇرچە خەت باغلىۋېتىشنىڭ بۇنچە ئاسانلىقى قوشۇلغاندا بىزگە تېخىمۇ قولايلىق . بىراق يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ياساپ ، بىۋاستە ۋورد ھۆججىتى ئارقىلىق ئېلان قىلماڭ ،بولمىسا ئەسەر ھوقۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپى بار ، چۈنكى ۋورد ھۆججىتىنى ئاسانلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، دوستلارنىڭ ماقالىلەرنى يەنىلا ئەسلىدىكى ئېلان قىلىنغان ئورنىدىن پايدىلىنىشىنى ، ۋورد ھۆججىتى ماقالىلىرىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئۇنداقتا بۇنداق تەھرىرلەش ئاسان ھەم قولايلىق ئىكەن ، بۇنى قوغدىغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولمامدۇ ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ ، Flashpaper دەپ بىر يۇمشاق دېتال بولۇپ ۋوردتا تىزىلغان ھۆججەتنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ PDF قا ئۆزگەرتەلەيسىز ، ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ياسىغۇچىلار شۇنىڭدىن پايدىلىنىڭلار . مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا مەنپەئەت بېرىشنى ئىزلەۋاتقان ئۇلانمىلار بلوگىدىن كۆرگەيسىزلەر : http://ulanmilar.blogspot.com/
بلوگىڭىزغا بەت ئىچىدىن ئىزدەش ماتورى قوشۇۋېلىڭ
Googleنىڭ بەت ئىچىدىن ئىزدەش ماتورى تور بەت ياسىغۇچى دوستلىرىمىزغا ناتونۇش ئەمەس ، ئۇلانمىلار بلوگىغا بۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ قويغاندا بەزى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى قانداق قىلغانلىقىمنى سوراپتۇ ، مەن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلانسۇن دېگەن مەقسەتتە ، ھەم شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى سەۋىيسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمىگەن تورداشلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن بۇ ئىزدەش ماتورى ھەققىدە تارتىلغان سۈرەت ۋە ئۆزۈم ئىشلەتكەن كودنى كۆپچىلىككە سۇندۇم ، پەقەت بۇ كود ئىچىدىكى ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئادرېسى بار ئورۇننى ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ ئادرېسىغا ھەمدە ماس ھالدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۆزگەرتىپ بلوگىڭىزدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويسىڭىزلا بولىدۇ . ##CONTINUE##
<head>
<script src='http://www.uygoogle.com/images/UyghurInput_A.js'/>
</head>
<!--Googleتور بەت ئىچىدىن ئىزدەش باشلاندى-->
<form action='http://www.google.com/search' method='get'>
<input name='q' style='font-family: UKIJ Tuz Tom' type='text' value='ئۇيغۇرچە'/>
<input name='btnG' type='submit' value='ئۇلانمىلاردىن ئىزدەش'/>
<input name='ie' type='hidden' value='utf-8'/>
<input name='oe' type='hidden' value='utf-8'/>
<input name='hl' type='hidden' value='zh-CN'/>
<input name='domains' type='hidden' value='http://ulanmilar.blogspot.com/'/>
<input name='sitesearch' type='hidden' value='http://ulanmilar.blogspot.com/'/>
</form>
<!--Googleتور بەت ئىچىدىن ئىزدەش ئاخىرلاشتى-->
بۇ ئۇلانمىلاردا قويۇلغان بلوگ ئىچى ئىزدەش ماتورى:

بۇ ئىزدەلگەندىن كېيىنكى نەتىجە :
