بلوگ تەتقىقاتى ئاخىرلاشتى.
2009.يىلى 10.يانۋار
ئۇلانمىلار ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمى تەرىپىدىن بلوگلىرىمىز بلوگىدا يىغىلغان يۈزدىن ئارتۇق بلوگنىڭ يېرىمىغا ھەقسىز تۇغ ياساپ بېرىش پائالىيتى ئۈلۈشكۈن باشلانغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ئىدى ، ۋە تىزىملىتىش ۋاقتى ئۈلۈشكۈن ، تۆنۈگۈن ئىككى كۈن بولۇپ ئەسلى پىلان بويىچە بارلىق ئىلتىماسلار توپلانغاندىن كېيىن 12.يانۋاردىن بۇرۇن بارلق بلوگلار ئېلان قىلىنىماقچى ئىدى . لېكىن تۇغ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بەكلا قىس ، تەشۋىقات قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى تۇنجى كۈنى پەقەت 12، ئىككىنجى كۈنى 10 بلوگ ئىلتىماس قىلىندى . نۆۋەتتە بۇ بلوگلارنىڭ تۇغلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈپ بولغان بولۇپ ، تۆنۈگۈن 10 تۇغ ئېلان قىلىنغان ۋە بىرسىدە خاتالىق كۆرۈلگەن ، بۈگۈن شۇنىڭ بىلەن قوشۇلۇپ تۆۋەندە تېخى ئېلان قىلىنمىغان 14 بلوگ ، بىر ھەقلىق بىلوگ ۋە بىر تور بېكەتنىڭ تۇغ رەسىمىي تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىندى . ھەم شۇنداقلا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولسۇن دېگەن مەقسەتتە بلوگ تۇغى ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ۋە لاھىيلەش جەريانىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىم قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى . پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي جەريانى ۋە ئالدىنقى قېتىمدا ئېلان قىلىنغان تۇغلارغا ئائىت ئۇچۇرلانى http://ulanmilar.blogspot.com/ دىن كۆرگەيسىز بۇ يەردە قايتا تىلغا ئېلنىمايدۇ . ئۇلانمىلار داۋاملىق ئازغىنە بولسىمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ، ئۈچىنجى قېتىملىق دوكلاتتا كۆپچىلىككە ياساپ بېرىشنى ئەھتە قىلغان مۇسۇلمانلار قوللانمىسى پۈتتى ،http://musulmanlar.blogspot.com/ بۇ قوللانما تۆت تىللىق سېلىشتۇرما شەكلىدە يوللىنىلىدىغان بولۇپ ، ئەرەبچە ،ئەرەبچىنىڭ لاتىنچە ئوقۇلۇشى ، ئېنگىلىزچە ، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سېلىشتۇرما ئاساستا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى ، مەزمۇن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەنقىدىي تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىشنى ئۆتۈنىمەن ، زېرىكسەڭلارمۇ يەنە ئەسكەرتەيكى ئۇلانمىلار تۈزگەن بلوگلار كۆڭلىڭىزگە ياقسا بلوگ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ كېينلىك تەرەققىيات ئۈچۈن خالىس ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز . ئۇلانمىلار قۇرۇلغان 6 كۈن ئىچىدە كۈندىلىك زىيارەتچىلەر IP سى 70تىن PV سى 200گە يېقىن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشى 2 قېتىمدىن ئېشىپ باققىنى يوق . ياردەم قىلىڭلار دوستلۇرۇم !زورىغاننىڭ زورى بار دەپتىكەن.
تۆۋەندە بلوگ تۇغلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ:
##CONTINUE##
http://palastinbiz.blogspot.com/
ئالدىنقى قېتىم خاتالىشىپ پاكىستان بايرىقىنى پەلەستىننىڭ دەپ ئويلاپ قىلىپ خاتا لاھىيلەپ قويغىنىمدىن تولىمۇ خېجىللىق ھېس قىلىمەن ، تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا ئەسكەرتكىنىگە كۆپ رەھمەت ، لاھىيگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قويدۇم .
http://tikran.blogspot.com/
تېكران ئەپەندىنىڭ بلوگ باش سۈرىتى مېنىڭدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ، شۇنى لاھىيگە ئىشلەتتىم .
http://lreanturkish.blogbus.com/
تۇغ تېگى رەڭگى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى رەڭگى قىزىل رەڭ ئاساس قىلىنىپ ، ئوماق كىچىك ئادەمنىڭ ئەسكەرتمە رامكىسىغا شوئار توۋلىغان شەكىلدە بلوگ ئىسىمىنى ئاتىغان قىلىپ لاھىيەلەندى .
http://aqil-bughra.blogspot.com/
بۇ بلوگدىكى خەۋەرلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق ئىدى . بلوگقا يوللانغان تېما ئىچىدىكى رەسىم ئەلئېھرام لاھىيەگە ئىشلىتىلدى .
http://ixtiyak.blogbus.com/
بۇ ئېنگىلىزچە ئۆگېنىش تور بېتى ، بىر قىز بىر ئوغۇلنىڭ باش سۈرىتى لاھىيىگە ئويۇپ ئېلىپ قوشۇلۇپ ، رەڭ ئۆزئارا سىڭىشتۈرۈپ ماسلاشتۇرۇلدى .
http://karwan.blogbus.com/
بۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ ئوماق كارتوننىڭ غەزەپلەنگەن ھالىتى ، بۇ ئىچىدە نېمە مالىمانچىلىقلار بولۇپ كەتكەن بلوگدۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ چېكىپ كۆرۈپ بېقىشقا قىزىقتۇرىدۇ .
http://anatil.blogbus.com/
بۇنى توغرا قۇر بويىچە ئوڭدىن سولغا ئوقۇپ ئاتنى ئال دەپ قالماڭ ، بۇ تىك قۇر بويىچە ئوقۇلىدۇ ، ئاناتىل دېگەن سۆز ، تۇغلان تورى تەمىنلىگەن داپ رەسىملىرىدىن ئۈلگە ئېلىندى ، بۇنداق پايدىلىنىپ لاھىيە ئېلىپ بېرىش مەنپەئەتكە دەخلى تەرۇز قىلىنغانلىق ئەمەستۇر دەپ ئويلايمەن . ئەگەر خاتالاشقان بولسام ئەسكەرتىپ قويارسىز ، بىكار كېيىنچە بلوگ باشقۇرغۇچىسىغا مەسئۇلىيەت ئارتىلىپ قالمىسۇن .
http://dolkun731.blogspot.com/
قارىسام دولقۇن 731 ئەپەندىم بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ بلوگىنى ئىلتىماس قىپتۇ ، بۈ ئۈچىنى بىر ئادەمنىڭ ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ، بىر ئۇسلۇبنى ئاساس ، ھەرقايسىسىنى ئۆزگىچە قىلىپ تۇغ توپى ياسىدىم .
http://ulinixlar.blogspot.com/
http://uutw.blogbus.com/
http://jeck.blogbus.com/
جېك تور خاتىرىسى داڭلىق تورخاتىرىلەرنىڭ بىرى ، شۇڭلاشقىمۇ بۇنى لاھىيلەشتە ئازراق بېسىم بولدى ، ئويلىنىپ كۆرسەم جېك ئەپەندىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا چەتئەلدە ئوقۇش قىزغىنلىقى شەكىللىنىشتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېسىمدە ، شۇڭلاشقا دوكتۇر بوۋاقنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لاھىينى ياساپ كۆرۈپ باقسام خېلى بولۇپ قالدى .
http://qaynam.blogbus.com/
بۇرۇن ئېسىمدە قالغان بىر لاھىيە بار ئىدى ، شۇنىڭدىن ئۆزگەرتىلدى .
http://ezua.ezua.com/
http://sumuruh820.blogbus.com/
سىز سۇمرۇغنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ مېنىڭدە ئەسلى شۇنداق چىرايلىق سۇمرۇغنىڭ رەسىمى بار ئىدى ، لېكىن رەسىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىك نىسىبىتىنى لاھىيىگە پەقەت ماس كەلتۈرەلمىدىم ، شۇنداق قىلىپ،يەنە بىر ناھايىتى چىرايلىق بەت تېگى رەسىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ، خەتلەر چىرايلىق قىلىپ ئىشلەندى .
www.hakaniya.com/bbs
بۇ تور بېكەتكە قانداق قىلسام ياخشىراق ياساپ بېرەرمەن دەپ بىر نەچچە لاھىيە ئىشلىتىپ كۆرسەم پەقەت قاملاشمىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاددى ، ئەمما مەنىلىك قىلىپ ئۇلۇغ ھون خاقانى ئاتېللانىڭ باش ھەيكىلىنىڭ سۈرىتىنى لاھىيىگە ئىشلەتتىم .
http://www.umidblog.cn/
ئۈمىد بلوگى يېڭى قۇرۇلغان بولغاچقا بىر نەچچە بېكەت يېڭىلىقلىرىدىن باشقا ئۇچۇر يوق ئىدى ، لېكىن ئۈمىد ئەپەندىنىڭ مەخسۇس سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرلىرى تەمىنلەيمەن دېگىنىگە ئاساسەن مۇشۇنداق لاھىيەلەندى .
قانداق بوپتىمۇ ؟ ۋاقىت قىس ، تەجىرىبە – ساۋاق كەمچىل ، كەمتۈك ، ناچار بولۇپ قالغانلىرىنى كەڭچىلىك بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتەرسىز . ئىشلىرىمىز بارغانسېرى ئىلگىرى باسقۇسى . بۇ قېتىملىق ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش پائالىيتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىق مۇناسىۋېتى بىلەن ئەڭ ئالدىدا پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ، ئۇلانمىلارغا ئىشەنگەن ، قوللىغان بارلىق تورداشلارغا ، بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە پائالىيەتنى يېقىندىن قوللاپ ، پائالىيەت ئەھۋالىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرغان بىلىك ، شەبنەم ، دىيارىم مۇنبەرلىرىگە ئالاھىيدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . يۇقىرىقى تۇغلىرى ھەقسىز تەمىنلەنگەن بلوگ باشلىقلىرىنىڭ خالىس قىلغان ئەمگىكىمنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۆز بلوگلىرىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ ئۇيغۇر تورداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختاتماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
ئۇلانمىلار داۋاملىق بۇ ھەقتە ئىزدىنىدۇ ۋە زۆرۈرىيتى تۇغۇلغاندا كۆپچىلىككە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرلىشىش ئەمەس ، پەقەتلا باشلىنىش خالاس ،ئەمدى يەنە كىچىككىنە قىستۇرما بېرىپ ئۆتۈپ كېتەيكى ، تۇغ ياساش مېنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى 70~80گە يېقىن يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان تور بەتلەرگە ھەقسىز تۇغ تەمىنلەپ بېرىپ كەلگەن ،لېكىن ئۇ ئۈچ يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى بلوگ تۇرۇپ تەرەققىي قىلالمىدى ۋە نام – نىشانسىز يوقاپ كەتتى . مەن ھازىر ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ تېخىنىفىزىكا ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۈچىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسى. خالىس ئىش قىلىمەن دەپ يۈرۈپ ئوقۇشۇمغا تەسىر يەتكۈسەم تازا ئەقىلگە سىغمىغان ئىش قىلغان بولىمەن . بۇ مەۋسۈملۇق ئىمتاھانلىرىم يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇنلا تۈگەپ تېخى تەتىل قويۇپ بېرىشكە ئىككى ھەپتە ۋاقىت باربولۇپ قالغان ھەم تەتىلدە مەكتەپتە قېلىپ ئۆگېنىش قىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيگە قايتىش تەييارلىقى قىلمىغاچقا ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمدە بلوگ يېزىشقا ساقلاپ كەلگەن ئارمانىمنى بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرىۋالدىم ، ئويلىمىغان يەردىن بىر ئەمەس تۆت بلوگ قۇرۇلدى، لاھىيلىنىشتە ئەتراپلىق ئويلانغاچقا بۇنىڭدىن كېيىن باشقۇرۇپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ، مېنىڭ ئۇيغۇر تورداشلىرىمغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلغۇم بار ، شۇڭا بلوگ ياسىلىشى بىلەنلا ئېلانلار قويۇلۇپ قايتا – قايتا ئېلاننى چېكىڭ ، ياردەم قىلىڭ دەپ تۇردۇم،كاللامدا قاتتىق زىددىيەت ، تۇرمۇش پۇلىغا ئېشىنالماي تۇرۇپ خالىس ئىش قىلىمەن دەپ 5 كۈن ئىچىدە كۈندە سەككىز سائەت مۇقىم تورغا چىقىپ ئولتۇرسام تازا توغرا بولمايدۇ ،لېكىن مەن ھەقىقەتەن باشقىلارغا پايدىسى بار ئىش قىلىپ بەرسەم مېنى قوللىماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايمەن دەپ يەنىلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم ۋە جىددىي پۈتتۈردۈم ، بىزدە بوشلۇقلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن .
مەن ئاۋۋال بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يازغان بەش پارچە بلوگ تەتقىقاتى دوكلاتى تېىمىسىدىكى ماقالىلىرىمگە ئۆزۈمنى چاغلىماي شۇنداق تېما قويۇپ قويغىنىمدىن سەمىمىي كەچۈرۈپ سورايمەن ، ھەم شۇنداقلا بۇ بەشىنجى قېتىملىق ئاتالمىش «دوكلات »نى يوللاپ مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلانمىلارددىكى ماقالە تېمىسى ۋە خەتكۈچلەر بىردەك ئۇلانمىلار نەتجىلىرى نامىغا ئۆزگەرتىلىپ چىقىلىدۇ. مەن تېخى بلوگچى بولغىنىمغا 6 كۈن بولغان يېڭىكەلداخۇن ، بلوگلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدا پىكىر قىلىپ بىر نېمىلەرنى دەيدىغان سەۋىيەم بولغان ھالەتتىمۇ بۇنداق چوڭ تېما قويۇۋېلىشقا ھەددىم ئەمەس ، دوستۇم ئاقكۆڭۈل (ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغاچقا شۇنداق دەپ ئېلىندى )نىڭ ماڭا سەمىمىي ھالدا تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىدىن مەن بەكمۇ مەمنۇن، بولمىغان بولسا ئەتىكى ئون مىڭ خەتلىك خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار بولغان ، نۇرغۇن شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغان بولاتتى . ياخشى بلوگلار ھەققىدە گەپ بولسا خەقنىڭ جاپا تارتىپ ياسىغان نەرسىسىگە مەن باھا بېرىپ نېمە ھەققىم بولغان بولىدىكەن ، ناچار بلوگلار ھەققىدە گەپ بولسا غەيۋىتىنى قىلىپ ، چاۋىسىنى چىتقا يايغان بولىدىكەن ، بۇنداق باھا بەرمەي دېسە ماقالە قۇرۇق نەزەرىيە بىلەن چەكلىنىپ ئەمەلىي قىممىتى بولماي قالىدىكەن . شۇڭا بلوگ تەتقىقاتىغا ، بلوگنىڭ يۈزلىنىشىگە قىزىققۇچى دوستلارغا تۆۋەندىكى ئىككى ئادرېسنى تەسىيە قىلاي ، پايدىلىنىپ كۆرسۈن :
2005—2006中国博客发展与趋势分析研究报告
http://www.chinalabs.com/view/ZXKM0BFD.html
中国博客发展研究报告(2006~2007)
http://www.chinalabs.com/view/ZXKM0M6U.html
ئەسلىدىكى ئاتالمىش خۇلاسە دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسىمى بىلەن خاتىمە قىسمىنى بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغاچقا يوللاپ قويدۇم ، بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قىسقارتتىم ، يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر خېلى يوقىتىلدى. باشقا چاتاق چىقماس .
ماقالىدە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار سىز ئۈچۈن مەلۇم بىر شەخىسنىڭ ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى بولۇشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇلار مېنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مېڭىۋاتقان بارلىق تور دۇنيايىمدۇر . بۇ ماقالەمنى باھارلىق ئەلسۆيەر ئۇيغۇر تور تېخنىكلىرىغا ۋە ئۇلارنى قوللاپ مەدەت بەرگەن تور ھەۋەسكارلىرىغا بېغىشلايمەن .
1.كىرىش سۆز ئورنىدا : بۇمۇ تەتقىقات بولامدۇ ؟
ئۇيغۇر تورچىلىقى كەڭ تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى ئاستىدا خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ،كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە تور دۇنياسىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ تېخنىكا سەۋىيسى خېلىلا مۇكەممەللىشىپ قالغان بىر قىسىم شەخسىي تور تېخنىكلىرى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى . تور بەت ياساش ئۈچۈن بوشلۇق سېتىۋېلىش ، ئىسىم ئىلتىماس قىلىش ،بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە شۇنداقلا ياخشى تەشۋىق قىلىپ ئوخشاش تۈردىكى تور بېكەتلەر بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى نورمال ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق بولاتتى . بۇ مۇرەككەپ جەريانلاردىن مەبلەغ سالغانغا چۇشلۇق تور بەتنى زىيارەت قىلىدىغان ، قوللاپ مەدەت بېرىدىغان ئادەم بولمىسا چوڭ زىيان بولاتتى ، شۇنداق قىلىپ بەزى تەرەققىياتى ئاجىز شەخسىي تور بېكەتلەر تەبئىي ھالدىلا شاللىۋېتىلدى . ئەقىللىق شەخسىي تېخنىكلار ئىزدىنىشنى توختاتماستىن نۆۋەتتە يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بلوگ يېزىشقا كۆچتى ، بۇ ھال يەنە بىر قىسىم تور بېكەت ياساش ئويىدا بولغان ياكى تور بەت ياساشقا قىزىققۇچىلارنىمۇ باشلىنىشىدىلا تور بېكەت ياساش ئويىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ بۇ ساھەگە قاراپ يۈزلىنىشكە دەۋەت قىلدى ، بلوگ ئىلتىماس قىلىش قولايلىق ھەم ھەقسىز بولۇپلا قالماي ، بىخەتەرلىكىنى بلوگ تەمىنلىگەن خەلىقئارالىق چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق پىروگراممىرلىرى قوغدىغاچقا جىق ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. تېخىمۇ خوشال قىلارلىق يېرى مەخسۇس بلوگ ئېلانلىرى بولۇپ ، بۇلارنىمۇ ئىلتىماس قىلىش ئوڭاي ،ئېلان كىرىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈر مۇۋاپىق ھالدا راۋاجلاندى، بەك ياخشى ، تېز تەرەققىي قىلدى دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ باشلامچىلىق قىلىپ ئويۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن سايلاپ چىقىلىپ كىشىنى خوشال قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى ، بۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا مېھنەتسىز ھەم جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگچىلارنى كەڭ تورداشلارنىڭ ئېتراپ قىلىشقا ۋە زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكدىن دېرەك بېرەتتى . بىر قىسىم بلوگلار ئۆز ئېلان كىرىمىنى مۇۋاپىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بلوگلاردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش ۋە ئۆز ئالدىغا شەخسىي ئېلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتەك ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي سەزگۈزەشتىللىرىمنى بايان قىلىش شەكلى ئارقىلىق بلوگ ساھەسىگە بولغان ئازغىنە تونۇشۇمنى ۋە تور دۇنيايىمىزدىكى كىچىككىنە ۋەقەلىكلەرنى كۆپچىلىككە يېڭىدىن بلوگچىلار ساھەسىگە قەدەم قويغانلىق سۈپىتىم بىلەن ، ئەركىن يېزىش شەكلى ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىغا تەقدىم ئەتمەكچىمەن .
يېزىشتا كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ چىن ، دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن بىرىنجى شەخىس تىلىدا يازدىم . بۇ ھەم بلوگچىلارنىڭ روشەن ئالاھىيدىلكى ، لېكىن داڭلىق ئەدىبلىرىمىز ئۆزى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىشنى توغرا كۆرمىگەن ، ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى توغۇرلۇق ناھايىتى ئاز ئىخچام يېزىپ ، ئۆز ھاياتى ۋە ئەمگىكىنىلا قالدۇرۇپ بۇ ئالەمدىن خوشلاشقان ، لېكىن مەن ئۆزۈم ھەققىدە يېزىشقا مەجبۇر ، كەڭ تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن ، ھەم بۇ خىل يېزىشنى قوبۇل كۆرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن . بىرىنجى شەخىس تىلىدا بايان قىلىش روھىي ھالەت ۋە ئاددى پىكىرلىرىمنى يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇشقا كۆپ قولايلىق ئېلىپ كەلدى ، مەسىلەن «يېقىننىڭ يېقىنىسىدا بىر بالا ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئۇيغۇرچە بلوگ ياساپتۇ»دەپ ماقالىلىرمنى باشلاي دېسەم بەكلا كۈلكىلىك بولۇپ كېتىدىكەن ، بۇنداق تېمىلار بلوگىمدىلا قېلىپ باشقا يەرگە يېقىنمۇ يولىمايدىغىنى ئېنىق ، «ئەي ئۇيغۇر ئوغلانى بلوگ ياسىدىڭمۇ سەن ، ئالغا باس ، ئىلگىرىلە توختىماي .... .... » دەپ باشلىسام ئىككى ئۈچ جۈملە يېزىپلا ئاخىرىنى نېمە دەپ يېزىشىمنى بىلمەي قالىدىكەنمەن . يازغانلىرىمنى مۇكەممەل ئەدەبىي ئەسەر دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ سەۋىيەم يازغۇچىدىن كۆپ يىراق ، خالىغىنىمچە ، نېمىنى ئويلىسام شۇنى يازىمەن ، لېكىن يازغۇچىلىق سەۋىيەم ساۋاتىسىز كىشىلەردىن خېلىلا يۇقىرى ، 16يىل مەكتەپ تەربىيەسى كۆردۈم ،ھەم داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۇيغۇر بلوگ تەتقىقاتى دېگەن ناھايىتى چوڭ تېمىنى قورقماي ئۆزۈمگە قويۇۋالدىم ، 5كۈن ئىچىدىكى كۈندە بىر پارچىدىن ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «تەتقىقات دوكلاتى » بىر قىسىم تورداشلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى .
قانداقتۇر ئۇيغۇر تورچىلىقىغا تۆھپە قوشۇش دېگەن شوئارنى توۋلاپ ئاددى بلوگدىن بىر نەچچىنى ياساپلا شۇلارنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن يازغان بۇ ماقالىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بولسۇن ؟ دەپ ئويلىدى بەزى تورداشلار . شۇنداقتىمۇ ناھايىتى ئەدەب بىلەن سىپايە ئىنكاس يېزىپ «چوڭ تېمىنى تاللىۋېلىپقۇ ياخشى قىپسە، بۇنىڭغا بوپتۇ دەيلى ، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلارسەن »دەپ مېنى ئەسكەرتتى . مەن بولسام بىلىك ، شەبنەم ۋە دىيارىمدەك تېما مەزمۇنىغا قاتتىق ئېتىبار بېرىدىغان مۇنبەرلەرنىڭ ئاكتىپ قوللاپ ئېلان قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خوشاللىنىپ كېيىنكى قەدەملىك خىزمىتىمنى دادىللىق بىلەن ئىشلەۋەردىم . تۇنجى دوكلاتنى ئېلان قىلغاندا ئىككىنجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن ئەلۋەتتە بىلمەيتتىم ، چۈنكى مەن بۇ ئۆزۈم تەتقىقات دەپ ئاتىۋالغان مەيدانغا« ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا نېمە كەم بولسا شۇنى قىلىمەن »دېگەن قۇرۇق خىيال بىلەنلا چۈشكەن ، راستىنى ئېيىتقاندا كەم نەرسىلەر بەك جىق ،شۇڭلاشقا ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ ۋە راۋاجلىنىۋاتىدۇ ، قارىسام لازىملىق بلوگلارنى ئىزدەيدىغان مۇكەممەلرەك بىر ئورۇن يوق ، ئۇلىنىش تور بەتلىرى بلوگلارنى ناھايىتى ئاز ئۇلىنىش قىپتۇ ، چوڭ بلوگ تور بەتلىرى بولسا ئۆزىنىڭ دوستانە ئۇلىنىش سەھىپىسىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراپ بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەۋېتىپتۇ ، بىر قىسىم بلوگلار دەرھال ئامال تېپىپ ، بۇ بلوگلار ئۈچۈن ئايرىم ئۇلىنىش بەت بلوگى ياساپ بېرىۋېتىپتۇ ، لېكىن بۇلارنىڭ مەزمۇنى يەنىلا چەكلىك ، بلوگنى ئۇلىنىش قىلغان بىلەن قانداق تۈر ، قانداق مەزمۇندا ئىكەنلىكى ئېنىق ئايرىلغانلىرى يوق ، شۇ ھامان مۇشۇنىڭغا تۇتۇش قىلاي دەپلا ئۇلانمىلار بلوگىنى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈرۈپ چىقتىم ھەم تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن يەنە قارىسام ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ كۆپرەك يىغىلغان توپلىمى يوق، بۇمۇ يوق بولسا بۇنىمۇ ياساپ باقاي دېدىم ۋە بلوگلىرىمىزنى ياسىدىم ، ئۆزۈم سىتاستىكا قىلسام 92 نى تىمزىملاپتىمەن ، بىر قۇر قاراپ چىقسام بۇرۇن بلوگ كۆرگەنلەردە كۆزۈمگە چېلىقىپ قالىدىغان دوستانە ئۇلانمىلاردىكى يەنە بىرمۇنچە بلوگلار يوقتەك ھېس قىلدىم ، ھەربىر بلوگغا كىرىپ دوستانە ئۇلانمىلىرىدىن بلوگ يىغىش ناھايىتى جاپالىق بولدى ،شۇنىڭ بىلەن تەتقىقات دوكلاتى تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىندى . بۇ بلوگلارنى ياساش جەريانىممۇ بىر قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە ، بۇ تېمىنى ماقالەمگە قويۇۋېلىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم : راستىنلا بىر بلوگ تەتقىقاتى ماقالىسى يېزىپ كۆرسەم قانداق ؟ نېمنى يېزىش كېرەكلىكى ھەققىدە بەك كۆپ ئويلاندىم ، باشقىلار جاپا تارتىپ بلوگ ياسىسا ناچار باھا بېرىپ غەيۋىتىنى قىلغاننىڭ ئەھمىيتى يوق ،يەنە كېلىپ ئۆزۈمگە گۇناھ يۈكلەيمەن ، ياخشى باھا بېرىپ خەق جاپا تارتىپ ياسىغان بلوگلارنىڭ شۆھرىتىدە «بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارمۇق سۇ ئىچىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلىشمۇ ئەخلاقسىزلىق . شۇنىڭ بىلەن تەپەككۇرلىرىم قاناتلىنىپ ئۇزاق ئويلاندىم .ئاخىرىدا ئۆزۈمنى ھەقىقەتەنمۇ بىر تەتقىقاتچى ئوخشايمەن دەپ ئىشەندىم .
قانچىلىك ئويلانغىنىمنى سورىساڭلار ، ئۇيغۇرچە بلوگدىكى بىر بوشلۇقنى تولۇقلاشقا ئاتىغان مۇنتىزىم 6 كۈن ۋاقىت ئىچىدە بلوگ ياساشقا ئاجراتقان ۋاقىتتىن باشقا ھەممە ۋاقىتتا ئويلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ ، ئۇنۋېرسىتىتىمىزدا مۇشۇ ئاينىڭ ئون ئۈچى رەسمىي تەتىل بولىدۇ ، ياخشى يېرى مەن بۇ مەۋسۇملۇق بارلىق ئىمتاھانلىرىمنى يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇن تۈگەتكەن ،قىشتا مەكتەپتە قېلىپ ئۆگېنىش قىلىمەن ،شۇڭا ئۆيگە قايتىش تەييارلىقى قىلمىساممۇ بولىدۇ . ئەلۋەتتە مېنىڭ كېچىلەپ خىزمەت قىلىدىغان ئادىتىم يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە بېيجىڭ ۋاقتى 23:30 تە توك ئۆچىدۇ ،لېكىن بۇ ئالتە كۈن ئۇيقۇم قېچىپ بلوگ ھەققىدە نۇرغۇن خىياللىرىم بولاتتى ، تاماققا چىقساممۇ كاللام بىردەم جىم تۇرماي ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ يېگۈم كەلمەيدۇ ،لېكىن سالامەتلىكىم ۋە تېزراق ياتاققا قايتىپ »تەتقىقات»نى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېزراق زورلاپ يەۋىتەتتىم ، ياتاقدىشىمنىڭ خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كاللامدىكى ئويلىرىم تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئەتىكى خىزمەتكە تەسىر قىلماسلىق ئۈچۈن تەسۋېر سېيرىپ ئۆزۈمنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتىم .ئەتىگىنى ھارغىنلىقتىن قوپالماي قالماي دەپ يەنە ۋاقىتنى ئۇتۇش ئۈچۈن سائەت قوڭغۇرىقىنى ئەتىگەنلىك يېرىم سائەت ئىچىدىكى ئالتە قېتىمغا تەڭشەپ ئۇخلاپ قالاتتىم ، ئۇنۋېرسىتىتىمىزنىڭ ياتىقىنىڭ شارائىتى ناھايىتى ياخشى ، ياتاق ئىچىدىلا مۇنچا بار . مۇنچىسىدا يەر ئاستى ئىسسىقلىقىدا ئىسسىتىلغان سۇ بار،بۇرۇنلاردا ئىسسىق سۇدىن راھەتلىنىپ ئۇزاق يۇيۇنۇپ كېتەتتىم ، لېكىن بۇ ئالتە كۈندە مۇنچىغا قانداق تېز كىرگەن بولسام شۇنچە تېز يېنىپ چىقىمەن . مەن بۈگۈن بۇلارنى ئويلاپ تەسىرلەندىم . چۈنكى ئۆتكەن يىللىق مەملىكىتىمىزدىكى ئالدىنقى 50 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەجىرىبە تەتقىقات پىلانى» غا ئالاھىيدە تاللىنىپ بىر يىللىق ئونمىڭ يۈەن تەجىرىبە تەتقىقات سوممىسى بىلەن بىر يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا مەن بىر كۈنمۇ يۇقىرىقىدەك بولۇپ باقمىغان ، يەنە شۇ ئۆتكەن يىللىق «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېخانىكا لاھىيلەش مۇسابىقىسى»دا مەكتىپىمىزدەك ئېلىكتىرون ، مېخانىكا لاھيىلەش ساھەسىدە تالانتلىقلار توپلانغان ئورۇندا ئالىي مەكتەپ ئىككىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا قارىماي ، ئالاھىيدە تاللانغان 3 كوماندىدىكى 12 ئەزانىڭ بىرسى بولۇپ ئۆلكىلىك مۇسابىقىلەردە ئالىي كۈتۈنۈشلەرگە ئېرىشكەن ۋاقتىمدىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك بىرەر كۈنۈم ئېسىمگە ئالالىغان ئەمەسمەن . قېنى دوستلۇرۇم سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلار مۇشۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئويلىنىش ، ھاياجانلىنىش نېمە سەۋەبتىن ، بۇلار تەتقىقات بولامدۇ ، بولمامدۇ ؟ ،
ئۇنداقتا شۇنچە ئاشىق بىقارار بولۇپ كېتىپسەن ، دەپ باقە نېمىنى تەتقىق قىلدىڭ دەپ سورايدىغانسىز بەلكىم .تەتقىقات دېسە كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىغا نېمە كېلىدىغانلىقىنى مەن بىلمىدىم ، لېكىن مەلۇم بىر ساھەدە بەلگىلىك ئىزدىنىش ۋە چوڭقۇرلاپ كىرىپ شۇ ھەقتە بەزى قانۇنىيەت ۋە يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ياكى مۇشۇ ساھەنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىپ كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ سانلىق كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ بېرىشنىڭ تەتقىقات بولىدىغىنىغا ھېچكىم كۆز يۇممىسا كېرەك . ئۇيغۇرچە بلوگلار يىغىپ توپلاندى ، تۈرلەرگە ئايرىلدى ، بلوگ تۇغلىرى ھەقسىز تەمىنلىنىپ رەتكە سېلىندى ، بۇلار ھەقىقەتەن كىچىك ئىشلار ،لېكىن كىچىك ئىشلار ئېلىپ بېرىلمىسا چوڭ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى قاچانغىچە ساقلاپ ئولتۇرىمىز ، مەن ئۇلانمىلارنى ياساشنى باشلىمىغان بولسام ، ئاخىرىدا بلوگلىرىمىز ، تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ، مۇسۇلمانلار قوللانمىسى (تۆت تىللىق سېلىشتۇرما)دەك ئۈچ مۇستەقىل بلوگنىڭ ئالتە كۈن ئىچىدە بارلىققا كېلىشىگە ئاساس تىكلىيەلەيتىممۇ . بەزىلەردە چوڭ ئىشنى قىلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدىغان كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن ، ئۇ بىرخىل چۈشكۈن روھىي ھالەت ، بىز ئۇنداق ئويلىماسلىقىمىز كېرەك ،چوڭ بولسۇن ، كىچىك بولسۇن ، پەقەت باشقىلار قىلىپ باقمىغان ،لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەققانىي ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئۇلۇغ ئىش . باشقىلارنى قوللايمەن دەيسىز ،قوللاش دېگەن «ياخشى قىپسەن»دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدە كېتىۋېرىشمۇ ؟ياق ، ياق سىز ، بىزمۇ قىلالايمىز ،مەن ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم ، ئىزچىل ھالدا ئۆزۈمنى سۆزلەپ كەلگىنىم بىلەن سىزنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم . مەقسىتىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلىپ بېقىشقا ئاتلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىش بولغاچقا ئازلا ئىشنى قىلىپ قويۇپ جىق سۆزلەپ كېتىپ قالدىم ، مېنى ئەپۇ قىلىڭلار ،لېكىن بۇنداق تەشۋىق قىلىشنىڭ پەقەت بلوگ ئۈچۈنلا بلوگ يېزىپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇپ ئېلان كىرىمى قىلىدىغان ، ھەقىقىي دىنىي ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي ئېڭىمىزنى ئۆستۈرىدىغان مەسىللەر سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىغان بلوگنى كۆپ يازىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە مەدەت بېرىش بولۇپ قالماسلىقىنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىمەن . بلوگ ئېلانى توغۇرلۇق سۆز بولۇپ قالدى ، مەن بۇرۇن بىر سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەندەك بىر بلوگنى بىر كۈندە 100 ئادەم زىيارەت قىلسا 2 ئادەم شۇ بلوگ ئۈستىدىكى ئېلاننى ئېچىپ كۆرۈپ قويسا 0.5 دوللار كىرىم بولىدۇ(تەيۋەندىكى داڭلىق ئېلان شېركىتى تەمىنلىگەن بلوگ ئېلانىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلدى) بۇ مېنىڭدەك نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىنىڭ پۇلى ،يېڭى بلوگلار ئېلان ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز باشقا ئۇيغۇرچە بلوگ توربەتلىرىدىكى ئېلان ئىلتىماس قىلىش ئۇلانمىلىرىدىن كىرىپ ئىلتىماس قىلىڭ ،ئۇمۇ شۇنداق قىلسا مەنمۇ شۇنداق قىلسام ، سىزمۇ شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايسىز . ئۇيغۇر بلوگچىلىرىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى نېمە بىلەمسىز ؟ ئا ، ب ئىككى بلوگ بار دەيلى ، ھەرئىككىلىسى ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بلوگلار ، ئا بلوگنى كۈندە 5000ئادەم زىيارەت قىلىدۇ ،لېكىن ئېلان كىرىمى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ ، ب بلوگنى 500 ئادەم زىيارەت قىلىدۇ –يۇ ، كۈنلىك تاپاۋىتى 3 دوللار ئوپچۆرىسىدە بولىدۇ . ئا بلوگ بۇنى ئۇقۇپ ب بلوگدىن سورايدۇ ، ب بلوگ باشقا بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق تۈزگەنلىكىنى ئۆز ئارا ئېلان چېكىشىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ ، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى بىر ئەھۋال ، لېكىن باشقا نۇقتىدىن كۆزىتىپ كۆرسەك بۇ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال ، شۇنچە كۆپ زىيارەتچىلەر شۇنچىلىك ياردەمنىمۇ بېرەلمەمدۇ ؟؟؟
كىچىكىپ بولسىمۇ دەۋالاي : يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! يېڭى يىل كىردى نېمە ئىش قىلاي دەيسىز ؟
ھە !؟ بىكارچىلىقتىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم دېمەي بىرەر ئىش باشلاپ قويۇڭ ، توربەت ياساپ قويامسىز يا ؟ مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولۇڭ بولمىسا ؟ ۋاي ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز بلوگ يېزىڭ ، بلوگ ؟ۋاي مەيلى ئۇنى يازالمىسىڭىز مۇنبەرلەرگە تېما يوللاڭ ،يېزىقچىلىق سەۋىيڭىز ئاشىدۇ ، دوستلىرىڭىز كۆپىيدۇ ، مۇنبەر تەستىقلىمامدىكەن ، ئۇغۇ شۇ ھازىر ھەممە يەر چىڭ بولۇپ كەتتى ، يەنە ئامال باركەن ، داڭلىق بلوگلار ئەزا قوبۇل قىلىمىز دەۋاتقان شۇلارغا دەپ بېقىڭ! ھە سىز ساۋاتىسىزما ، بۇرۇنراق دېمەي ،سەۋىيڭىز ئاشقىچە ماقالە ئوقۇپ بلوگ ئېلانلىرىنى چېكىپ تۇرۇڭ ، سىزمۇ تەرەققىي قىلىسىز ئۇلارمۇ تەرەقىقىي قىلغاچ تۇرىدۇ . ئۇنداقتا تولا ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي «تەتقىقات» ىڭىزنى باشلاڭ سىزمۇ ؟!
8.خاتىمە ئورنىدا : مەن ئەمدى بلوگچى بولدۇم
ئالتە كۈن كاللامدا بلوگلا ئويلاپ شۇنداق بولۇپ قالدىممىكىن ، كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە ، 2009.يىلى ئۇيغۇرلاردا بلوگ قىزغىنلىقى بولىدۇ دەپ سادا كېلەتتى . بۇ بەلكىم مېنىڭ شەخسىي خىيالىمدۇر ،گەرچە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى بلوگ نۇسخىلىرى كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ كېلەلمەيۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن بلوگ ياساش تېخنىكىسى خېلىلا مۇكەممەللىشىپ قالدى ، ئاسان بولۇپ بولۇپ كەتتى . بۇنداق بولۇشىدىن بەزىلەر ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ بىر مەزگىللىك غېرىبلىقىغا ئوخشاش ئوقۇيدىغان ئادەمدىن يازىدىغان ئادەم كۆپ بولۇپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ ، بلوگ قىزغىنلىقىدىن كېيىن بىر قېتىملىق تەلتۆكۈش بلوگ قىرغىنلىقىنى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلار . مېنىڭچە ئارتۇق ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز ، بلوگ ياساش ھەرقانچە ئاسان بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ساننىڭ كۆپىيىشىگە ئەگېشىپ رىقابەت كۈچىيدۇ ، بەزى بلوگلار تېزلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ بلوگ ھەمكارلىقى شەكلىدە ، بىر قانچە ئادەم بىر بلوگنى يېزىۋاتىدۇ ، بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش، كونىلار «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس » دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان ، ئەگەر بلوگچىلىقتا ناچار يۈزلىنىشلەر كۆرۈلسە ئىشىنىڭكى ئاللاھ جېنىمىزنى ئامان قىلىسىلا ، ئۇلانمىلار ، بلوگلىرىمىزدەك ئالتە كۈنلۈك تەتقىقات مەھسۇلاتىم ھەرۋاقىت كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بارلىق توسالغۇلارغا تەڭ قارشى تۇرىدۇ ، ئالتە كۈنلۈك تەتقىقات جەريانىدا ماقالىلىرىمنى باشچىلىق بىلەن ئېلان قىلىپ بەرگەن بىلىك ، شەبنەم ۋە دىيارىمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇنبەرگە ،ۋە ئۇندىن باشقا ئۇلانمىلار ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىغا ئۆز بلوگىنىڭ ئۇلىنىش سەھىپىسىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە بېرىش ئالدىدا تۇرغان (بەزى بلوگچىلار ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ، ئاندىن ئۇلىنىش قىلغانلىقىنى ئېيىتقان ، رەھمەت ئېيتىشتا ئۇلارنى چۈشۈرۈپ قويماي دەيمەن . ) بارلىق بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئالاھىيدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ئۇلانمىلار ئالتە كۈندە ھەرقانچە جاپا تارتتىم دېسىمۇ قىلغان ئىشى سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگەك تەنىجەڭلارنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ ، مۇۋاپىق رەۋىشتە تىزىپ چىققاندىن باشقا ئىش قىلغىنى يوق ، شۇڭا ئۇلانمىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تورداشلارنىڭ قولايلىق ئېلىپ كېلىشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بارلىق بلوگ ساھەسىدە تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان بلوگچىلارغا مەنسۇپ ، سىلەر بولغاچقا مەنمۇ بلوگچى بولالىدىم ، كۆپ رەھمەت ، مەن ئەمدى بلوگچى بولدۇم !
ئۇندىن باشقا يەنە شەخىسلەردىن ،بۇ جەرياندا ماقالەمگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مېنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەن تېكران بلوگى باشقۇرغۇچىسى تېكران ئەپەندىگە، بلوگنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئالاھىيدە ئېلخەت يوللاپ ياردەم قىلغان ئۇيغۇر ساكۇرا بلوگىدىن مورشىدىغا ، كىيۇ كىيۇ توپىدا ئاكتىپلىق بىلەن تېخنىكىلارنى ۋە ئۆزى تەرجىمە قىلغان يېڭى ئۇسلۇبنى تەمىن ئەتكەن كۈمۈش ئوق بلوگى باشقۇرغۇچىسىغا ، ۋە ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن تەكلىماكان بلوگىغا ئالاھىيدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ تېننىنى ئامان ، ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن .
بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن راۋاجلانغۇسى .پۈتۈن ئۇيغۇر بلوگ تەتقىقاتىدىن خۇلاسە چىقىرىش ۋە بلوگچىلىققا باھا بېرىشكە كەمىنە تولىمۇ تۆۋەنچىلىك قىلىمەن ، تېمىنىڭ قويۇلىشىنى توغرا چۈشەنگەيسىز . بۇ پەقەت ئالتە كۈنلۈك ئويلىنىشتىن خۇلاسە، پۈتۈن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىن خۇلاسە چىقىرىشقا سەۋىيەم يېقىنمۇ كەلمەيدۇ .ئۇلانمىلاردىن خۇلاسە چىقىرىش ئاخىرلىشىش بولماستىن ، يېڭى باشلىنىش .سىزگە يېڭى يىلدا يېڭىچە ئۇتۇق ،يېڭىچە نەتىجىلەر يار بولسۇن !
ئەسكەرتىش : ئەسەرنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇلانمىلار بلوگىغا تەۋە ھەرقانداق شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ بۇلاردىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ قالايمىقان ئىنكاسلاردا بولماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .