––– بلوگىڭىزغا ھەقسىز تۇغ ياسىتىۋېلىڭ
2009.يىلى 8.يانۋار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەزىزى قېرىنداشلار ، بارلىق ئۇيغۇر بلوگ سېپىدىكى جاپاكەش، ئىجتىھاتلىق بلوگچىلار
ئۇلانمىلار بلوگى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بلوگلىرىمىز بلوگى بارلىق blogspot ۋە blogbus تا ئېلان ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئېلان قىلىنغان بلوگلارنى يىغىپ ، توپلاش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋاتقان پەيتتە بلوگ تۇغلىرىنىمۇ سىتاستىكىلاپ بىرلىكتە توپلاپ ئېلان قىلىش زۆرۈرىيتى تۇغۇلدى . لېكىن نۆۋەتتە يىغىپ توپلانغان 104بلوگنىڭ ئاز بىر قىسىملىرىنىڭلا تۇغ رەسىمى بولۇپ ، بۇ بلوگگېرلارغا سۆز قالدۇرۇپ تېزدىن تۇغ ياساشنى تەلەپ قىلىش تازا ئاقىلانە چارە ئەمەس شۇ سەۋەبىتىن ئۇلانمىلار بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق لاھىيلەش تەجىرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن بىر قېتىملىق ھەقسىز بلوگ لاھىيلەپ بېرىش پائالىيتى ئويۇشتۇرماقچى ، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ، ئەھمىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە :##CONTINUE##
1.ھەقسىز تۇغ ياساپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئوبىيكتى ئاساسلىق بلوگلىرىمىزدا ئېلان قىلىنغان بلوگلار بولىدۇ ، ئەلۋەتتە سەپتىن چۈشۈپ قالغان بلوگلار ئاۋۋال بلوگنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ، ئاندىن تۇغ ئىلتىماسىنى يوللىسا بولىدۇ . نۆۋەتتە تۇغى بولغان بلوگلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىۋېرىدۇ ،لېكىن تۇغىڭىزغىن رازى بولسىڭىز پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
2.بلوگ تۇغى ئۆلچىمى بىردەك تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
چوڭ – كىچىكىلىكى :88 *31
ھۆججەت خاراكتىرى : jpg بولۇپ تىنچ تۇغ رەسىمى بىلەن چەكلىنىدۇ ، ھەرىكەتچان تۇغ رەسىملىرى ياساپ بېرىلمەيدۇ
تۇغ لاھىيلەشتە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىجادىيەت ئاساس قىلىنىدۇ ، ئايرىم تۇغ كىچىك رەسىملىرى ۋە رامكىلىرىنى نادىر ماتېرىياللاردىن ئۆرنەك ئالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، تەييار تۇغ لاھىيلەش رەسىمىنى ئېلىپ كېلىپ ئۈستىگە خەت يېزىپلا بولدى قىلىدىغان ئىش كۆرۈلمەيدۇ . تۇغ لاھىيلەشتە تۇغ ئىلتىماس قىلغان بلوگنىڭ بلوگ كۆرۈنمە يۈزى ئالاھىيدىلىكى ، بەت يۈزى رەڭلىرى ئاساس قىلىنىدۇ .
3.تۇغ ياسىتىش ئىلتىماسى سۇنۇش :
بۇنى دېيىشتىن ئىلگىرى بۇ قېتىملىق تۇغ ياسىتىش ئىلتىماسى سۇنۇش ۋاقتى ۋە پائالىيەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ .
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى : 2كۈن ، يەنى 2009.يىلى 8.يانۋار ، 9.يانۋار
تۇغ ياسىلىشنى كۈتۈش ۋاقتى : 10.يانۋار ،11.يانۋار
بارلىق تۇغلارنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى :12.يانۋاردىن بۇرۇن
تۇغ سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپ : تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتنى قانچىلىك كىشنىڭ ئاكتىپ قوللاپ بېرىشى ماڭا نامەلۇم ،لېكىن بلوگلىرىمىزدا نۆۋەتتىكى خاتىرىلەنگەن بلوگ سانىنىڭ يېرىمىنى تۇغ سانى قىلىپ بېكىتىشنى لايىق كۆردۈم ، دېمەك ، ئىلتىماس قىلغانلار رەت– تەرتىپى بويىچە ، ئاۋۋالقى 52 بلوگ ئېگىسىگە ھەقسىز بلوگ تەمىنلىنىدۇ .
تۇغنى قانداق ئىلتىماس قىلىمەن؟
ئەڭ قولايلىق ۋە ئاددى ئۇسۇل ،bloglirimiz.blogspot.comغا كىرىپ سول تەرەپ ئاستىنقى قىسمىدىكى "بلوگ مەلۇم قىلىش " تۈرى ئاستىدىكى بېكەت سۆز قالدۇرۇش قورالىغا بلوگىڭىز ئادرېسى ۋە تۇغ ئىلتىماسى دېگەن سۆزنى قوشۇپ يوللىسىڭىز ، مەن توردا بولساملا نەچچە سىكىنۇتقا قالماي كۆرۈپ بولىمەن ۋە تىزىملىۋالىمەن .
بۇ سۆز قالدۇرۇش قورالىدا ئىككىلا تېكىست رامكىسى بولۇپ ئۈستىدىكىسى سۆز قالدۇرغۇچى ئىسمى ئاستى مەزمۇن يازىدىغان ئورۇن ، ئېنتىر (قايتۇرۇش ) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا يوللىنىلىدۇ .
4. نەتىجىسىنى كۆرۈش
بلوگلىرىم بلوگىدىن بىۋاستە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ ۋە ياكى ئۇلانمىلار بلوگىدا بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس نەتىجە دوكلاتىدىن كۆرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئىشنىمەنكى بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەردە ئېلان قىلغۇچىلار ماس ھالدا نەتىجىسىنىمۇ ئېلان قىلىدۇ .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش : ياساپ پۈتكەن بارلىق تۇغلار سىزلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن سۇنۇلىدۇ ، تۇغنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك ، تۇغى بارلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇغى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بلوگلىرىمىز تەمىنلىگەننى ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق بارلىق ھوقۇق شۇ بلوگ باشقۇرغۇچىسىغا تەۋە . رازى بولىمىغۇچىلار ئۈچۈن ۋاقتىنچە قايتا تۇغ ياساپ بېرىلمەيدۇ ، لېكىن پائالىيەت باشقىلارغا نەپ بېرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغاچقا ، تەشۋىقاتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلالمىغان بلوگلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا رازى بولمىغانلار يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ .
ئاخىرىدا پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ بۇ تېمىنى ھەرقايسى مۇنبەر ، تور بېكەت ۋە بلوگلاردا ئېلان قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇر بلوگ تەتقىقات تۈرلىرى ئىچىدىكى ماقالىلەر كۈچلۈك تەشۋىقات خاراكتىرىنى ئېلىش بىلەن بىرگە كەڭ تورداشلارغا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ تورداشلارنىڭ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىدۇ . خالىسىڭىز ئۇلانمىلار ئۇيغۇر بلوگ توپلىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بلوگ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قويۇڭ ،ئاز بىر قىسىم ۋاقىتتا مەھسۇلات ئېلانى قويۇلغان بىلەن ، يەنە خەنزۇ يولداشلىرىمىزدىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ خەيىر – ساخاۋەت ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇشتەك بەك ئوبدان مەزمۇنلار بار! ئەلۋەتتە بۇ مەزمۇنلار ئۈچۈن ئۇلانمىلارغا كىرىم خاتىرلەنمەيدۇ ، تەشۋىقات قىلىش يامان ئىش ئەمەس ، قۇرۇق ، ئەھمىيەتسىز تەشۋىق قىلىش كۆڭۈلگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ خاتالىق . ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىزلەر !
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئۇلانمىلار ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمى بلوگى
تۇغى ئېلان قىلىنىپ بولغان بلوگلار :
http://ketmenbay.blogspot.com/
http://uzunjahan.blogspot.com/
http://diluz.blogbus.com/
http://hislet.blogbus.com/
http://tarix.blogbus.com/
http://kumushoq.blogspot.com/
http://qawandazlar.blogbus.com/
http://zanux.blogbus.com/
خاتا لاھىيلىنىپ قېلىنغىنى ئۈچۈن تۇغى قايتا لاھىيلىنىدىغان بلوگ:
http://palastinbiz.blogspot.com/
نۆۋەتتە تۇغ ئىلتىماس قىلغانلار بلوگ ئادرېسى (ئۇدۇللۇق يوللىنىپ تۇرىدۇ) :
http://tikran.blogspot.com/
http://lreanturkish.blogbus.com/
http://aqil-bughra.blogspot.com/
http://ixtiyak.blogbus.com/
http://karwan.blogbus.com/
http://anatil.blogbus.com/
http://dolkun731.blogspot.com/
http://ulinixlar.blogspot.com/
http://uutw.blogbus.com/
http://jeck.blogbus.com/
http://qaynam.blogbus.com/
http://ezua.ezua.com/
http://sumuruh820.blogbus.com/
پىلاندىن سىرت تۇغ ئىلتىماس قىلغانلار (پىلاندىن سىرىت دەپ ئېلىشتىكى مەقسەت بۇ ئەسلىدىكى پىلاندا ئېيتىلغان 52 بلوگقا ياساپ بېرىشتىن سىرت ساننى كۆرسىتىدۇ) :
http://www.umidblog.cn/
www.hakaniya.com/bbs/