2009.يىلى 16.يانۋار
توردىكى بەزى نادىر ماقالىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ساقلاپ قويۇپ ئايرىم تەتقىق قىلغۇمىز كېلىدۇ .مەن ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەكتەپتىكى باسمىخانىلاردا ئۇيغۇرچە فونىتلار يوق . ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قوياي دېسە بەزى يولداشلار قوشۇلمايدۇ ، شۇڭا ھەممىلا باسمىخانىدا ياقتۇرىدىغان ماقالىلىرىمنى باستۇرۇپ ئېلىپ قويۇشۇم قولايلىق بولىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا «كومپىيۇتېر مەستانىلىرى» ئېلىكىتىرونلۇق ژورنىلىدىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك تېخنىكىنى تاپقان ئىدىم(ئۇنى كۆرگىنمگە ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە قانچىنجى سانىدىن كۆرگىنمنى ، كىم يازغان تېما ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم ،ئەپۇ قىلغايسىلەر !) ، ھەم بىر يىل ئىلگىرى شىئەندە بىر سان چىقىرىپلا توختاپ قالغان «ياشلىق چەشمىلىرى» ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باسمىخانىدىكى باسما تىزىش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرچە فونىتنى قەتئىي قوللىماسلىق قېيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋالغان ئىدۇق . بىر يېرىم يىلدىن بېرى بۇنى ئاز بولمىغان دوستلارغا ئۆگەتتىم ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى ۋورد ھۆججىتىگە باغلىۋېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ، تۆۋەندىكى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ»ناملىق ماقالىسىنى ئۇيغۇرچە فونىت بولمىغان تورخانىلاردا ، باسمىخانىلاردا ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار ، نورمال كۆرۈنەمدىكەن .
قوش تىللىق مائارىپ
بۇ تېخنىكىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : ##CONTINUE##
1.ئۆزىڭىز باستۇرماقچى بولغان ماقالىنى ئاۋۋال ئۇيغۇرچە فونىت بار كومپىيۇتېر ئىچىدە ۋورد ھۆججىتى شەكلىدە تىزىۋالىسز .
2.工具=> 选项 ,تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىڭ :
3.保存 ئىچىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدە قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇندىكى ئىككى توغرا بەلگىسىنى تاللاپ ، رەسىمدىكىدەك ھالەتتە بولغاندىن كېيىن ، جەزىملەشتۈرۈپ ، ۋورد ھۆججىتىنى بىر قېتىم ساقلىۋەتسىڭىز ، سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بىردەك ھۆججەت ئىچىگە باغلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە فونىت يوق ئورۇنلاردىمۇ ئاچالايمىز .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش : ۋورد ھۆججىتى سېغىمى كىچىك ، ھەم ھەممە كومپيۇتېردا قوللايدىغاندەك ئالاھىيدىلىككە ئىگە ،ئۇيغۇرچە خەت باغلىۋېتىشنىڭ بۇنچە ئاسانلىقى قوشۇلغاندا بىزگە تېخىمۇ قولايلىق . بىراق يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ياساپ ، بىۋاستە ۋورد ھۆججىتى ئارقىلىق ئېلان قىلماڭ ،بولمىسا ئەسەر ھوقۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپى بار ، چۈنكى ۋورد ھۆججىتىنى ئاسانلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، دوستلارنىڭ ماقالىلەرنى يەنىلا ئەسلىدىكى ئېلان قىلىنغان ئورنىدىن پايدىلىنىشىنى ، ۋورد ھۆججىتى ماقالىلىرىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئۇنداقتا بۇنداق تەھرىرلەش ئاسان ھەم قولايلىق ئىكەن ، بۇنى قوغدىغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولمامدۇ ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ ، Flashpaper دەپ بىر يۇمشاق دېتال بولۇپ ۋوردتا تىزىلغان ھۆججەتنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ PDF قا ئۆزگەرتەلەيسىز ، ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ياسىغۇچىلار شۇنىڭدىن پايدىلىنىڭلار . مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا مەنپەئەت بېرىشنى ئىزلەۋاتقان ئۇلانمىلار بلوگىدىن كۆرگەيسىزلەر : http://ulanmilar.blogspot.com/