––– باشتىكى بلوگلار تۇغى پۈتتى ، ھوزۇرلىنىڭ
2009.يىلى 9.يانۋار
ئۇلانمىلار ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمى تەرىپىدىن بلوگلىرىمىز بلوگىدا يىغىلغان يۈزدىن ئارتۇق بلوگنىڭ يېرىمىغا ھەقسىز تۇغ ياساپ بېرىش پائالىيتى تۆنۈگۈن باشلانغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ئىدى ، ۋە تىزىملىتىش ۋاقتى تۆنۈگۈن ، بۈگۈن ئىككى كۈن بولۇپ ئەسلى پىلان بويىچە بارلىق ئىلتىماسلار توپلانغاندىن كېيىن 12.يانۋاردىن بۇرۇن بارلق بلوگلار ئېلان قىلىنىماقچى ئىدى . لېكىن تۇغ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بەكلا قىس ، تەشۋىقات قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى تۆنۈگۈن پەقەت 12لا بلوگ ئىلتىماس قىلىندى ، مەن ئەسلى بلوگلار يىغىلىپ بولغىچە كۆپچىلىككە ۋەدە قىلغان مۇسۇلمانلار قوللانمىسىنى پۈتتۈرىۋېتەي دېگەن ، لېكىن نېمىشقىكىن بلوگ نۇسخىسىنى يوللاشتىن كەچكىچە خاتالىق چىقىپ تۇرۇۋالغاچقا ئۇ ئىش سەل كېچىكىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭىدىن ئېلان قىلماقچى بولغان بلوگنىڭ تۇغىغا تۆنۈگۈن ئىلتىماس قىلغان ئالدىنقى توققۇز بلوگنى قوشۇپ ئون قىلىپ تۇغلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ كۆپچىلىككە سۇندۇم ،ۋە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولسۇن دېگەن مەقسەتتە بلوگ تۇغى ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ۋە لاھىيلەش جەريانىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىم قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى ##CONTINUE##، كەڭ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېھتىياجى بولسا دەرھال http://bloglirimiz.blogspot.com/ غا كېلىپ سول تەرەپ ئاستىدىكى بلوگ مەلۇم قىلىش قورالىدىن ئىلتىماس قىلىشىنى ، ۋە پائالىيەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە – تۈزۈملىرىنى http://ulanmilar.blogspot.com/ دىكى ئۇيغۇر بلوگ تەتقىقاتى ئۈچىنجى قېتىملىق تەتقىقات دوكلاتىدىن كۆرۈۋېلىشىنى سورايمەن . ئىلتىماس قىلىنىپ تەستىقلانغان بلوگلار ئۇدۇللۇق شۇ تېمىنىڭ ئاستىدا ئېلان قىلىنىپ ماڭىدۇ . ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىزلەر!بەزى دوستلىرىمىز ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ بلوگلىرىنىمۇ تەشۋىق قىپتۇ ، مەسلەن كۈمۈش ئوق بلوگى ئاناتىل بلوگىنىڭ ئىلتىماسىنى يوللاپتۇ ، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ، پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش كۆپچىلىككە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، پائالىيەت تۈزۈملىرى پەقەت تەرتىپلىك ، قائىدىلىك بولۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردىمى تېگىدىغان ئىش بولسا ئەسلى پىلاندا ئەسكەرتىلمەي چۈشۈپ قالغان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن تولۇقلاش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ ، لېكىن ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ ، شۇڭا ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈم مەيلى ئۇلانمىلار بولسۇن ياكى بلوگلىرىمىز بولسۇن بېكەت ئېلانىنى بىرلا كۆرۈپ قويسىڭىز ، چۈنكى بلوگنى بىر كۈندە يۈز ئادەم زىيارەت قىلسا، ئىككى قېتىم چېكىلسە 0.5 دوللار كىرىم بولىدۇ ، بۇ مېنىڭدەك بىر نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىنىڭ پۇلى دېگەن گەپ ، مالال كۆرمەي ياردەم قىلىڭلار !
مۇسۇلمانلار قوللانمىسى
تۇغ نۇسخىلىرى ئارىسىدىن تەييار ئۇچراپ قېلىپ كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى ، چۈنكى بۇ نۇسخا بەك ماس كەلگەچكە بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ لاھىيلەش ئېلىپ بېرىۋەردىم .
http://palastinbiz.blogspot.com/
ماتېرىيال ئىزىدىگەندە خاتالىشىپ 巴勒斯坦 نى 巴基斯坦 دەپ كىرگۈزۈپ قويغانلىقىم سەۋەبلىك خاتالىشىپ شۇ بويىچە لاھىيە ئېلىپ بېرىپتىمەن ، سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن ، بلوگ تۇغى قايتا لاھىيلىنىپ بېرىلدۇ.
http://ketmenbay.blogspot.com/
كەتمەن دېگەن ئىسىم كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەچكە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماتېرىيالىم ئىچىدىن يەرشارى ۋە تۆكۈلگەن يۇلتۇزنى ئىشلەتتىم .
http://uzunjahan.blogspot.com/
ئۇزۇن جاھان ماڭا ئۇزۇن يولنى ئەسلەتتى ، شۇڭا تاغ باغرىدىكى ئۇزۇن يولنى لاھىيگە قوشتۇم .
http://diluz.blogbus.com/
بۇنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەرلىرىمنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن ، دىل ماڭا يۈرەكنى ئەسلەتتى ، ئۇزلۇقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن خەت نۇسىقىسى ۋە رەڭگىگە ئالاھىيدە ئېتبار بېرىلدى.
http://hislet.blogbus.com/
بەت تېگى ئوچۇق يېشىل رەڭ ئاساس قىلىنىپ ، خەت رامكىغا ئېلىندى ۋە رامكا بىلەن خەتكە بىرلا ۋاقىتتا سايە ئۈنۈمى قوشۇلۇپ ماسلاشتۇرۇلدى .
http://tarix.blogbus.com/
ئىسلام ، مەدەنىيەت ، تارىخ قاتارلىقلارغا جىگەررەڭ ئاساس قىلىنىپ ئىشلەنسە مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارىغاچقا شۇ رەڭ ئاساس قىلىندى.لاھىيە ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ،لېكىن ئوچۇق ، ئېنىق باشقىلارنىڭ tarix نى تارىخ دەپ ئويلىماي تارىش دەپ ئازغاشتۇرماسلىقى ئۈچۈن تولۇپ بلوگ ئادرېسى لاھىيگە كىرگۈزۈلدى .
http://kumushoq.blogspot.com/
بۇ ماڭا لاھىيلەشكە ئاسان توختىغان ، لېكىن ناھايىتى چىرايلىق چىققان ئەسەر ، كۈمۈش ئوقنى تۇنجى زىيارەت قىلغىنىمدىلا ئۇنىڭ بەت ئۈستى رەسىمى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى ، شۇنى كىچىكلەتتىم .
http://qawandazlar.blogbus.com/
بۇ بەت تېگىدىكى نېمە قالايمىقان نەرسىدۇر دەپ قالماڭ ، شىنجاڭدىكى ئاخىلوگىيلىك ئىزدىنىشلەردىن نادىر بىر نامايەندە تاش ئۈستىگە سىزىلغان چەۋەندازلار رەسىمى . رەسىمنى بلوگ تۇغى ئۈستىدە ئامال بار ئوچۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم .
http://zanux.blogbus.com/
بۇ تۇغنى لاھىيلەشتە پۈتۈنلەي زانۇش بلوگى ئۈستىدىكى ماتېرىياللار پايدىلىنىلدى . مەسىلەن ، ئۇيغۇرچە خەتنىڭ فونتى بلوگ ئۈستى رەسىمىدىكى خەت نۇسخىسى جەلىلىي خەت نۇسخىسى، تۇغ تېگى زانۇشنىڭ سىتاستىكا سېستىمىسىنىڭ تۇغىدىن نەقىل ئېلىنىپ ئۆزگەرتىلدى .
ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ئېيتىپ كېتىدىغىنىم قىسقىغىنە ئۈچ كۈن ئىچىدە بلوگلىرىمىزدىكى سىتاستىكا قىلىنىپ توپلانغان ئۇيغۇرچە بلوگلار 92دىن 120 گە يەتتى . تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەشۋىق قىلىپ قويغايسىلەر .
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمى