2009.يىلى 22.يانۋار
بۇ ماقالىدە بلوگ ھەۋەسكارى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قانداق بلوگلار بلوگ زىيارەتچىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىپ كۆرۈلدى. قارشى ئېلىنمايدىغان بلوگلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1.بلوگ ئۇسلۇبى رەتسىز
ئېلان ۋە رەسىملەر كۆپ بولۇپلا قالماي، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بلوگلار بىردەك تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
2.باش بەتتە كۆرۈنىدىغان ماقالە ئۈزۈندىسى ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدۇ
«ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.» نۇرغۇن بلوگ ھەۋەسكارلىرى ماقالە تېمىسى ۋە باش بەتتە كۆرۈنگەن تېما ئۈزۈندىسى ئارقىلىق تېمىنى تولۇق ئوقۇش، ئوقۇماسلىقنى بېكىتىدۇ.
3.ئۇزۇنغىچە يېڭىلىماي تاشلىنىپ قالغان##CONTINUE##
سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەلۇم بىر ياخشى ماقالە ئوقۇرمەننى ناھايىتى قىزىقتۇرغان ئىدى. 5 كۈن ، 10 كۈن ، 30 كۈن، شۇ تېمىنىڭ داۋاملىق تىلغا ئېلىنىشىنى ئۇ شۇنچە تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، ئەپسۇس، ئاخىرىدا سىزنىڭ باشتا ئۇنى قىززىقتۇرغان تېمىنى يوللىغىنىڭىزدىنمۇ سىزدىن رەنجىدى. سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىدىن تېخىمۇ ياخشى ماقالە يازغان ھالەتتىمۇ ئۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزغا قايتا يېقىن يوللىمايدۇ.
4.يېڭىلىنىشى بەك تېز
ھەممە نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بلوگمۇ شۇنداق: يېڭىلىنىش بەك تېز بولۇپ كەتسە ئوقۇرمەندە «بۇنداق كۆپ يېڭىلانغان ماقالىلەردە پايدىلىق مەزمۇن ۋە سۈپەتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ »دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ. سىز «مەزمۇننىڭ كۆپ بولۇشى باشقىلارنى كۆپ جەلىپ قىلىدۇ. »دەپ ئويلاپ ھە دەپ مەزمۇن قوشسىڭىز ياكى باشقا يەرلەردىن كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز ئاسانلا باشقىلارنى زېرىكتۈرىسىز.
5.مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشى باشقىلارنىڭ تېمىسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس، كۆچۈرۈپ چاپلانغان تېمىنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغانلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ بولدى. مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشى ئەسلىدىنلا باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى يېزىلىپ بولغان بىر تېمىنى شۇنىڭ نامى بىلەن سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، ئەھمىيتى بار يېڭىلىچە ئوي–پىكىر قوشماي قايتا تىلغا ئېلىشتۇر.
6.بەك كۆپ مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن بولۇش
ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمغان قىزىقىشى بولىدۇ. بلوگ بىر كىچىك ئائىلە بەك كۆپ تۈرنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىۋېلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس، سىزنىڭ بلوگىڭىز مەزمۇندىكى ئىزچىللىقنى ساقلىسا، شۇ مەزمۇن بىلەن ئوخشاش قىزىقىشقا ئىگە بىر توپ كىشىلەر سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز بولسىلا سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بلوگچى بولغان بولىسىز.
7.تېما مەزمۇنى بەك ئۇزۇن
بلوگ تىلى چۈشىنىشلىك، سەھىپىسى ئاممىۋىي بولسا زىيارەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇزۇن ماقالىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ باققان ئادەمدىن قانچىسى بار دەيسىز ؟!
8.ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇش
سىز بەلكىم بۇنى بىر كىچىك مەسىلە دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، بىراق سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىز ئانا يېزىقىمىزغا ھاقارەت قىلىش دېگەندەك چوڭ جىنايەتنى سۈرۈشتۈرمەيلى، ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپ بولۇشى يەنە مۇنداق ئىككى مەسلىنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرىنجى، بلوگ يازغۇچى ئىشنى ئەستايدىل قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ؛ ئىككىنجى، بلوگ يازغۇچىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر يېزىقى گىرامماتىكا جەھەتتىن ئاسان يېزىق ئەمەس، شۇڭا قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەيسەن دېيىش توغرا ئەمەس ، ئامال قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، بولسا ئاۋارىچىلىق كۆرمەي ئىملا تەكشۈرۈش قوراللىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك.
9.تېما مەزمۇنى ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدۇ
بەزى ماقالىلەرنىڭ تېمىسىنى ئوقۇسا ياخشى، لېكىن مەزمۇنى كىشىنى دېگەندەك خوش قىلىپ كېتەلمەيدۇ.
10.قايتۇرغان ئىنكاسقا جاۋاپ يازمايدىغان بلوگلار
زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشى ئەخلاق جۈملىسىدىن بولغان ئىكەن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق ھالدا جاۋاپ يېزىشىمۇ ھەم ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر .
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش : ماقالىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، كۆچۈرمەكچى بولغان ئورۇنغا مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەيسىز.ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
لىق ۋىۋىسكا ULY
-
ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرىدىكى پولات ئەپەندىمنىڭ يازمىسى
ئۇيغۇر (لاتىن)يېزىقىنى زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردا ئۆلچەملىك ئىشلىتەيلى