2009.يىلى 26.يانۋار
«ئەگەر سىز بلوگ يېزىپ پۇل تېپىپ باي بولغىلى بولىدۇ» دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقلا بەكلا خاتالاشقان بولىسىز. ئۇيغۇرچە بلوگ يېزىپ باي بولۇپ كېتەلمەيسىز، چۈنكى ئاۋۋال ئۇيغۇر تورداشلار ئاز، بلوگ قىزغىنلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭدىن قالسا نۇرغۇنلىغان ئەخلاقسىزلىق بىلەن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار بىلەن بلوگنى توشقۇزىدىغان بلوگلار يامان تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم بلوگلار بلوگ ئېلانى ئارقىلىق ئازغىنە بولسىمۇ ئىقتىسادىي بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ. كۆپ قىسىم بلوگلار Google Adsense ياكى Alimama ئېلانىنى قويىدىغان بولۇپ، ھەممىلا ئېلاننى بلوگقا قويغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بلوگ ئېلانىدا كىرىم قىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى بىر توختىۋېلىپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ: سىز بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىشنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئويلاپ باققانمۇ يوق؟
بۇ سوئالغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپقاندىن كېيىن ماقالىنىڭ داۋامىغا كۆز يۈگۈرتكەيسىز.
1.پۇل تېپىش ئۇسۇلى
نۆۋەتتە بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى بەك كۆپ ئەمەس، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئۇسۇللارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:##CONTINUE##
(1) ئېلان چېكىلىشى ئارقىلىق پۇل تېپىش، مەسىلەن: Adsense .
(2) شىركەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئېلان ماقالىسى يېزىپ بېرىش، مەسىلەن: ئۇلانمىلاردا يېزىلغان ئالتۇن يازغۇچى ماقالىلىرى.
(3)ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش، مەسىلەن: Alimama ئېلانى.
(4)ئېلان زىيارەتچلىرىنىڭ ئېلان شېركىتىگە تىزىملاتقانلىق قاتارلىق مەشغۇلات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەق بېرىش ئېلانلىرى(CPA)
(5)Feed ئېلانى.
(6)ئۇلىنىشنى سېتىش ئارقىلىق ھەق ئېلىش.
(7)بلوگ باشقۇرغۇچىسى باشقا شەخىس ۋە ئورۇن بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق ئېلانلارنى قويۇپ ھەق ئېلىش.
(8)باشقا ئۇسۇللار: ھەرخىل تور بېكەت ۋە شېركەتلەر ئويۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.
2.ھەرقايسى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى
(1) ئېلان چېكىلىشى ئارقىلىق پۇل تېپىش.
بۇ ئۇسۇلنىڭ ياخشى يېرى ئېلان مەزمۇنىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، بىراق ئايرىم چېكىلىش باھاسى ناھايىتى تۆۋەن(بولۇپمۇ خەنزۇچە تور بەتلەرنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن). ئەگەر ساختا چېكىلگەنلىك ئەھۋالى بايقالسا، ھەرۋاقىت قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ كېتىش خەۋپى بار.
(2) ئېلان ماقالىسى يېزىپ بېرىش.
شەرتكە توشقان ئېلان ماقالىلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىر قەدەر ياخشىراق دەپ قارىغان ئېلان ماقالىسى ئادەتتىكى ئەھۋالدا 100 سوم ئەتراپىدىكى باھاغا يارايدۇ. بىراق ئېلان ماقالىسى بەك كۆپ يېزىلىپ كەتسە بلوگ زىيارەتچلىرىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيان بولىدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلارغا نىسبەتەن باشقا يېزىقلاردا ئېلان ماقالىسى يېزىش تېخى ئىزدىنىپ كۆرۈش باسقۇچىدا تۇرغان ئىش.
(3)ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش
بۇنداق ئېلاننىڭ ھەق بېرىشتە قارايدىغان ئۆلچىمى دەل سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قېتىم سانى. زىيارەت قېتىم سانى يۇقىرى بولسا، ئېلان باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بۇنداق ئېلانلار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى زىيارەت قېتىم سانىغا ساختىلىق ئىشلىتىش بەك ئاسان.
(4)زىيارەتچىلەر مەشغۇلات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەق بېرىش
بۇنداق ئېلاننىڭ يەككە باھاسى تۆۋەن ئەمەس، بىراق بۇ ئېلاننى قويۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئېلاننى قويۇپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كىشىنى بىر قەدەر خوشال قىلغۇدەك ئېلان كىرىمى بولىدۇ.
(5)Feed ئېلانى.
Feed ئېلانى ئادەتتە ئېلان قويۇلغان بلوگنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىغا قاراپ ھەق بېرىدۇ، مەسىلەن: Feedsky نىڭ Feed ئېلانىنىڭ ھەر مىڭ قېتىملىق كۆرۈلۈشى 5 سوم. ئەگەر بلوگنىڭ مۇشتەرى بولغانلار سانى يېتەرلىك كۆپ بولمىسا بۇ ئېلاننى ئالمىغان ياخشى.
(6)ئۇلىنىشنى سېتىش ئارقىلىق ھەق ئېلىش.
ئەگەر بلوگىڭىزنىڭ Page Rank سى بىر قەدەر يۇقىرى بولسا، ئۇلىنىشنى سېتىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل كىرىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ دەسمايىسى تۆۋەن، تاپقىلى بولىدىغان پۇلمۇ كۆپ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا خەتىرىمۇ يۇقىرى، ئەگەر Google سىزنىڭ ئۇلىنىشىڭىزنى ساتقانلىقىڭىزنى بىلىپلا قالسا سىزنىڭ PR قىممىتىڭىزنى نۆل قىلىپ قويىدۇ ياكى ھوقۇقىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
3.دۆلەت سىرتى ۋە ئىچى
(1)ھازىرقى ئەھۋالى
دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئېلان تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار بلوگ ئۈچۈن ئېلان تەمىنلىمەيدۇ، دۆلەت سىرتىدا ئاز بولمىغان مەخسۇس بلوگ ئېلانلىرى بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىملىرى چەتئەل يېزىقىدىكى بلوگلارنى قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ.
(2) ئېلان كىرىم ھېساباتىنى يۆتكەش ئۇسۇلى
دۆلەت ئىچىدىكى ئېلان ئورۇنلىرى ئادەتتە تور بانكىسى ۋە ئالىپاي ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ئېلىنمايدۇ.
دۆلەت سىرتىدا ئادەتتە پايپال (paypal) ئىشلىتىدۇ، بۇ سىزدىن خەلىقئارالىق ئىناۋەتلىك كارتا بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر. يەنە كېلىپ يۆتكەلگەن ھېساباتنى نەق پۇل قىلىپ ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاز بولمىغان رەسىمىيەتلەرنى ئۆتىمىسىڭىز بولمايدۇ.
(3) ئېلان مەزمۇنى:
دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئېلانلار ئەسلىدىنلا بلوگقا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر نېمە دوختۇرخانىسى، ئالتە خانىلىق كىيۇكىيۇ نۇمۇرى ئېلانى دېگەندەكلەر.
چەتئەلنىڭ ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى بلوگقا ماس كەلسىمۇ ، لېكىن چەتئەل تىلدىكى ئېلان چېكىلىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4.زىيارەتچىلەرنىڭ بلوگنى كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟
(1) بلوگقا قويۇلغان ئېلان سانى
قويغا ئېلان سانى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاش توغرا ئەمەس. سىز يەنە بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ بلوگقا قارىتا كۆز قارىشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
(2) بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى
بەزى چەتئەل ئېلانلىرى بىر قىسىم مائارىپ، ئىدارە–ئورگان تورىدا ئېچىلمايدۇ، بۇنداق ئېلاننى ئەڭ ياخشىسى ئالمىغان ياخشى، چۈنكى ھەقسىز توردىن بەھىرلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىدارە–ئورگان خىزمەتچىلىرىدىن تورغا چىقىدىغانلار ئاز ئەمەس.
لىق ۋىۋىسكا ULY
-
ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرىدىكى پولات ئەپەندىمنىڭ يازمىسى
ئۇيغۇر (لاتىن)يېزىقىنى زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردا ئۆلچەملىك ئىشلىتەيلى