2009.يىلى 24.يانۋار
ئالدىنقى قېتىم «بارلىق باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن(http://ulanmilar.blogspot.com/2009/01/blog-post_3238.html)» ناملىق ماقالىنى يوللىغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. يالغۇز سەلكىن مۇنبىرىدىلا ئۇ ماقالىنىڭ كۆرۈلۈشى 1500 قېتىمدىن ئېشىپ مېنى بەك خوشال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئالقىشقا سازاۋەر بولىدىغان، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كومپىيۇتېر سەۋىيسى قوبۇل قىلالايدىغان يەنە بىر پارچە ماقالە يازمايمۇ دەپ ئويلاۋېتىپ بارلىق تور بەتلەرنى(تور بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدىكى تەجىرىبە–ساۋاقلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئىلگىرى Weft تىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلاتتى، كېيىن مايور ئەپەندى CreateMyeot ناملىق يۇمشاق دېتالنى ياسىغاندىن كېيىن تور بەتلەردە باشقىلارنىڭ ياسىغان تەييار eot نى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېز ۋە ئاددى ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەن بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر ماقالىنى ئۇچراتمىغان بولغاچقا سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي بۇ ماقالىنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىدىم، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئۇلانمىلار بلوگىدىكى ئەسلى تېما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ، قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!
بەزىلەر بۇ ئۇسۇلنى باشقىلارنىڭ eot نى ئوغۇرلاش دەپ ئاتىۋاپتۇ، ئەسلىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان بىر تور بېكەتنى مىسالغا ئېلىپ تونۇشتۇرايمىكىن دېگەن، لېكىن مەنمۇ «ئوغرى» بولۇپ قالماي دەپ ئۇلانمىلارنى مىسال ئالدىم، ئۇلانمىلار تېخنىكىسىنى خالىغانچە «ئوغۇرلىساڭلار» ھېچقانداق جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، ئۇيغۇرچىلاش تېخنىكىسى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مەنسۇپ!
بىز ئاۋۋال ئۇلانمىلار بلوگىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
تور بەتنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىپ كۆرىمىز، 查看->源文件 ##CONTINUE##
خاتىرە دەپتەردە كۆرۈلگەن بەت مەنبە كودىدىكى تاللانغان ئىككى قۇر كودنى كۆردىڭىزمۇ ؟ پۈتۈن بلوگنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىۋاتقان نەرسە مۇشۇ شۇ.
بۇ ئىككى قۇر كودنى ئۆز بلوگىمىزغا قويساقلا ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ئىشقا ئاشامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. بىز بۇ كودتىكى بەتكە باغلانغان http://anatilim.blogbus.com/files/12317621920.css نى ئېچىپ كۆرۈپ باقىلى:

دېمەك بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تونۇتۇش تېخنىكىس تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەردىكى كودلار بار، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يەتتە قۇر شۇ. بۇنىڭدىكى باشقا مەزمۇنلار بىلەن ۋاقتىنچە كارىمىز بولمىسۇن.
بۇنىڭدا بىزگە لازىمى http://anatilim.blogbus.com/files/12315694430.eot ، بۇنى كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىۋالىمىز ئاندىن مايور ئەپەندىنىڭ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاچىمىز.

ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل رامكا چۈشۈرىۋالغان ھۆججەتنىڭ ئورنى، ئوتتۇرىدىكى كۆك رامكىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە تونۇتماقچى بولغان توربەت ئادرېسىنى يېزىپ قوشسىڭىز ئاستىدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇندا قوشۇلغان توربەتلەر كۆرۈنىدۇ، ھۆججەتنى ساقلىغاندىن كېيىن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن جەرياننى كەينىگە ياندۇرسىڭىز بولىدۇ، يىغىنچاقلاپ كۆرسەك:
ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان تەييار eot ۋە css ھۆججىتىگە ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۆز بېتىمىزگە قويىمىز.
قوشۇمچە:
1.مايور ئەپەندىنىڭ eot ياساش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر

يۇمتالنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى : نېت رامكىسىنىڭ 2.0 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرى .
نېت رامكىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى : www.soft8.net قا كىرىپ Microsoft .NET Framework v2.0 دەپ ئىزدىگەندىن كېيىن چىققان چۈشۈرۈش ئادرىسلىرىدىن بىرنى تاللاپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ(بۇ ھەم باشقا يۇمشاق دېتاللارنىمۇ چۈشىرىدىغان ياخشى ئورۇن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمەن).
eot ياساش يۇمتالىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
: http://anatilim.blogbus.com/files/12327637730.rar
2.eot ۋە css ھۆججەتلىرى تور بوشلۇقىغا يوللانغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ، blogbus تا ھەقسىز 10مىگابايىتلق بوشلۇق بولۇپ شۇنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بولسا بىر نەچچەيلەن بۇ ھۆججەتلەرنى ئورتاق ئىشلىتىپ بوشلۇق تېجىسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈرىيتى بولسا مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان توربەتلەرنى تىزىملاپ ئورتاق بىر ھۆججەت ياساپ بەتكە قويىدىغان كودنىلا سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە بەرسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى تېخنىكىنى ئىگەللىۋالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇ بەك تەس ئىشمۇ بولمىغاندىكىن ھورۇنلۇق قىلماڭ، چۈشەنمىگەن يېرىڭىزنى سوراڭ، ئاللاھ خالىسا بۇ تېخىنىكا كەڭ ئومۇملاشقۇسى.
3.بەزى تورداشلرىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەسەر ھوقۇقى بەلگىلىك قوغدالسۇن ئۈچۈن ماقالىدە ئىشلىتىلگەن رەسىملەرگە ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئادرېسى قويۇپ قويۇلدى.
تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى ئۇلانمىلار بلوگىدىن كۆرگەيسىز، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بلوگ ئېلانىنى كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن، كۆپ رەھمەت!