2009.يىلى 25.يانۋار
ئالدىنقى قېتىم«blogspot قا تولۇق ئوقۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش » ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ blogspot تىكى بىر تېخنىكىلىق مەسلىگە جاۋاب تاپتىم دېسەم، بەزى تورداشلىرىمىز blogspot نى blogbus بىلەن يۈزەكىلا سېلىشتۇرۇپ،«blogspot تا بەتلەرنى سانى بويىچە ئايرىپ كۆرسىتىدىغان ئىقتىدار يوق، شۇڭا يەنىلا blogbus ياخشى» دەپتۇ. مېنىڭ ھېچقاچان ماۋۇ ئانىڭدىن ياخشى دەپ سېلىشتۇرۇش ئويۇم يوق، چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. تەكلىماكان بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۆز ماقالىسىدە «ئەڭ ياخشى بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسى يەنىلا blogger» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ دەل ئۇلانمىلار ئىشلىتىۋاتقانblogspot شۇ. لېكىنblogbus ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولغاچقا باشقا بلوگلارنى چەتكە قېقىشى نورمال ئەھۋال. مېنىڭ مەقسىتىم بىزگە ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللايدىغان تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسىدىن يەنە بىرنى كۆپەيتىش، خالاس. ھەرگىزمۇ ماۋۇ ئانىڭدىن ياخشى دەپ باشقىلارنى چەتكە قېقىش ئەمەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تورداشلارغا blogspot نىڭمۇ بەتنى ئايرىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىدىن ئۇلانمىلاردىكى ماقالىلەر كۆپرەك بولغاندا ھەل قىلارمەن دەپ ئويلىغان بۇ مەسلىنى باشقا ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئاددى بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ قويدۇم. مەن ھەل قىلغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن كود بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا ماقالە قىلىپ يازاي دېسەم يەنە بۇنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ «بۇ بەك كۆپ كود ئىكەن، يەنىلە قولايسىزكەن» دېمەسلىكى ئۈچۈن(ئەمەلىيەتتە بلوگ باستا سىز js كودىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ئىقتىدارلارنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىپ كۆرسىڭىزمۇ شۇ تېخنىكغا ئەجىر قىلغان ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئاز ئىش قىلمىغانلىقىنى بىلەتتىڭىز.)ۋاقتىنچە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتتىم. ئەلۋەتتە، ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ ئاستىغا بۇ ئىقتىدارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.يەنە باشقا مەسىللەر بولسا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، ھەممىمىز ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەيمىز، شۇنداق بولغان ئىكەن سەمىمىي تەكلىپ– پىكىرىڭلارغا ھەرۋاقىت ئىنتىزارمەن!
ئۇلانمىلارغا قوشۇلغان بەت ئايرىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ رەسىمى: ##CONTINUE##
تېخنىكىلىق ماقالە ئىزدەش جەريانىدا كىرگۈزۈلگەن ھالقىلىق سۆز:
1.numbered page for blogger
2.加上方便瀏覽的頁數按鈕
3.为文章添加翻页功能
4.分页导航 blogspot
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تېپىلغان توربەتلەر:
http://evadavid.blogspot.com/2008/08/blogger.html
http://zakipush.blogspot.com/2008/09/blogger.html
http://www.oscargp.net/en/2008/05/entradas-relacionadas-en-blogger.html
http://singpolyma.net/category/beta/
http://qzonepub.blogspot.com/2008/12/blogger_1708.html
http://guostone.blogspot.com/2007/11/blogspot.html
http://rias-techno-wizard.blogspot.com/2008/07/page-navigation-hack-for-blogger.html
http://www.bloggerbuster.com/2008/08/numbered-page-navigation-for-blogger.html
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەيكى، بلوگچى بولۇش يالغۇز باشقىلارنىڭ تەييار ئىشلىگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ماقالىلا يوللاش ئەمەس، سىز يەنە ئازراق بەت لاھىيلەشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگېنىپ بلوگچىلىقنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە خاس، ئۆزگىچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى يارىتىشىڭىز كېرەك. كومپىيۇتېر سەۋىيسى تۆۋەن دوستلارغا نىسبەتەن ئۇلانمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان تېخنىكىلار ۋە تېخى ئېچىلمىغان ئىقتىدارلار قېيىن تۇيۇلسا ئۇنىڭ ئىشى ئاسان، مەنمۇ بلوگ نۇسخىسى ياساپ ھەممە ئىقتىدارلارنى شۇ نۇسخىقا قوشۇۋەتسەملا ئىش پۈتىدۇ. چۈشۈرۈپلا ئىشلتىسىز.بىراق بىر ئادەم ئۇسلۇب ياساپ تارقاتقاندىن ئۇسلۇب ياساش تېخنىكىسىنى ئون ئادەمگە ئۆگېتىپ قويسام تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟!
لىق ۋىۋىسكا ULY
-
ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرىدىكى پولات ئەپەندىمنىڭ يازمىسى
ئۇيغۇر (لاتىن)يېزىقىنى زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردا ئۆلچەملىك ئىشلىتەيلى