2009.يىلى 17 .يانۋار
ئۇلانمىلار بلوگى قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە بلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە بلوگ ياساش تېخنىكىلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن ئازغىنە بولسىمۇ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ ھال ئۇلانمىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بلوگنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە ئىزدىنىشتەك شانلىق ۋەزىپىگە ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولدى. 25 بلوگقا تۇغ رەسىمى ئىشلەپ بېرىلدى، مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن ۋە ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولمىسۇن مەلۇم سەۋىيىگە يەتتى دەپ قارالغان 140 دانە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى بلوگلار بلوگلىرىمىز بلوگى(http://bloglirimiz.blogspot.com)دا تىزىمغا ئېلىنىپ ئىسىم تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىلدى. ئەمدىكى مەسىلە ئۇيغۇرلاردا تېخى يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى دەپ قارىغان بلوگلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، قۇرۇلغىنىغا خېلى كۆپ ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ تېخى نىشان بېكىتەلمەي تاشلىنىپ قالغىنىغا خېلى بولۇپ قېلىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقان بلوگلارغا قانداق يول كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن بلوگ يېزىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى بارلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن، لېكىن بلوگ يېزىشقا شۇنداق ماس كېلىدىغان تالانتلىقلارنى قايتىدىن ئويغىتىش ۋە بلوگ يېزىش، ياساشقا ئائىت تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش ئىدى. يۇقىرىقى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان ۋە ئاكتىپ قوللىغۇچىلارغا تايانماي بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بلوگلىرىمىز ھەمكارلىق تەشۋىقاتى ئېلان قىلغان، لېكىن ناھايىتى ئاز سانلىق بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى بۇنى كۆردى. كۆرگەنلەرمۇ دىققەت ئېتىبارى بىلەن قارىمىدى. چۈنكى يۇقىرىقىدەك نىشانلار بىلەن بلوگ يېزىشقا تۇتۇش قىلغان ئۇلانمىلار بلوگىنى ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەنلا «ھە بۇ بىر ئۇلىنىش تور بېتىكەنغۇ خالاس!» دەپ ئويلايدىغان دوستلار ئۈچۈن ئۇلارغا بىر–بىرلەپ چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بولسا ئىدى، مەن ھەرگىزمۇ ئېغىرچىلىق كۆرمەس ئىدىم. لېكىن بلوگ قۇرۇلغىنىغا ئانچە كۆپ بولمىغان بولغاچقا يۇقىرىقى نىشانغا يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمىسە،تۇغ ياساپ بېرىش، بلوگ ياساشتىن ئايرىم دوستلارغا مەسلەھەت بېرىش، ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى بەلگىلىك قوللىنىش قىممىتى بار تېخنىكىلىق ماقالىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىسا بولمايتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك مۇراجىئەت ئېلان قىلىمەن : ##CONTINUE##
1.ئۇلانمىلارنى دوستانە ئۇلىنىش قىلىشىڭلارنى ۋە ئۆز بلوگىڭلار ئۇلانمىلار تۈرلىرىدە بولمىسا بلوگىڭلارنىڭ خاسلىقىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى بېكىتىپ سۆز قالدۇرۇپ، قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
2. بلوگىڭلاردىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىدىغان خەتلىك، سۈرەتلىك تەشۋىقات ئۇلىنىشىنى قويۇپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
3.ئۇلانمىلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ماقالىلىرىنى باشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنلاردا ئېلان قىلىپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.
4.زىيارەت سانى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان بلوگلار تېخى ئېلان كىرىمى قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلانمىغان بولۇپ،سىز ئېلان كىرىمى قىلغۇدەك بلوگقا ئىگە بولدۇم دېگەن ۋاقىتقىچە بولغان زىيارەت قېتىم سانىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن ئۇلانمىلارنىڭ بلوگ ئېلانىنى قويۇپ قويۇشۇڭلانى ئۆتۈنىمەن. ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئىقتىسادلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنى ناھايىتى تېزلىكتە كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىدۇ.
ئېلان قويۇش ئۇسۇلى: تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويسىڭىز بولىدۇ(دىققەت! بۇ ئېلانلاردا ساغلام بولمىغان ئېلانلار يوق، ئەگەر بايقالسا باشقىلار كۆرگۈچە مەن ئۆچۈرېۋىتىپ بولىمەن) . كۆپ رەھمەت
<script src="http://ad2.bloggerads.net/showads.aspx?blogid=20090106000378&charset=utf-8" type="text/javascript"></script></span>
ئېلان ئىلتىماس قىلىش،بلوگقا قويۇش ۋە ئېلان كىرىمىنىڭ ھېسابىنى ئۆز ھېسابىغا يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەرقانداق قېيىنچىلىقلارغا يولۇقساڭلار بلوگىمىزنىڭ كىيۇ كىيۇ توپىدىن، ياكى بىۋاستە ئېلكىتىرونلۇق يوللانما يوللاپ مەسلەھەت سورىساڭلار بولىدۇ، ئاخىرىدا دىلئۇز بلوگى(http://diluz.blogbus.com/)نىڭ بلوگ ئېلانىمنى ئۆز بلوگىغا قويۇپ بەرگىنىگە ۋە شاتلىق بلوگى(http://xadlik.blogbus.com/)نىڭ بلوگ ئۈستىگە 520*70 چوڭلۇقتىكى تەشۋىقات ئۇلىنىش رەسىمى قويۇپ بېرىپ قوللىغانلىقىغا سەمىمىي مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!