2009.يىلى 13.يانۋار
ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدىكى ماقالىلەر پەقەت تور بەت ياساشقا قىزىقىدىغانلار ئارىسىدىلا قالسا ئۇۋالچىلىق بولىدۇ ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە . سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇڭ ، ھەرگىز زىيان تارتمايسىز ، ئۇيغۇرتىلى يوقىلارمۇ دەپ ئولتۇرماي ، قەددىمىزنى رۇسلايلى .تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار خالىسىڭىزمۇ ، خالىمىسىڭىزمۇ ، قوللىمىسىڭىزمۇ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ ، لېكىن ئاز قوللىسىڭىز ئاستا تەرەققى قىلىدۇ،بەلكىم بۇنىڭدا قېيىنچىلىقلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ، ۋاقىت سوزۇلۇپ كەتسە بۇنى قوللىغۇچىلار مازاق قىلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن ، كۆپ قوللىسىڭىز ئاللاھ خالىسا تېزراق ئەمەلگە ئاشقۇسى .
##CONTINUE##
دىلئۇز بلوگ http://diluz.blogbus.com/ىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن .
ئۇلانمىلار بلوگى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن تۇغلار ئاز بولمىغان بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ۋە پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ، مەن ئەمگىكىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغانلىقىغا بەكمۇ خوش.
ئالدىنقى قېتىملىق تۇغ ئېلان قىلغان ماقالىنى تولۇق ئوقۇسىڭىز شۇنى ھېس قىلىسىزكى مەن ئىلگىرىمۇ ئاز بولمىغان تور بەتلەرگە تۇغ رەسىمى ئىشلەپ بەرگەن ،ئۇ ئۈچ يىل ئاۋۋالقى ئىش ،لېكىن باشقۇرۇشتا يېتەرسىزلىك تۈپەيلى قايتا داۋاملاشمىغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر بەخىتلىك بۆرە تور تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇنداق قىلىپ ئىز – دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن .ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمنىڭ ئاددى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قېلىپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن قېيىنچىلىق تارتىقىنىمنى چىقىرىپ تاشلىغاندا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئىزدەپ تاپتىم ،مېنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك ، مۇنتىرىم ياردەملەرنى بېرىپ ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلگۈم بار . دېمىسىمۇ ئۇيغۇر بلوگلىرىنى رەتكە سېلىش ، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ بلوگچىلار سېپىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي ، بلوگلار ئىدىينى ئازاد قىلىپ (زاماندىن ھالقىغان ماقالە يېزىپ ئەمەس ، توغرا چۈشەنگەيسىز) ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدىكى رىقابەت ئارقىلق بلوگلارنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەڭلا يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە قىلىش بىر نەچچە قېتىملىق تۇغ ياساپ بېرىش ، بىر ئىككى ئۇلىنىش بلوگى ياساپ قويۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلانمىلاردا جىددىي ھەمكارلىق ئورنىتىش قائىدە تۈزۈملىرى تۈزۈلۇپ ، باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆز – ئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى ، يېڭى تۈزۈملەر پەقەت سىز قوبۇل قىلالايدىغان دائىرە ئىچىدە ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىپ بېرىشنى كۆزدە تۇتىدۇ . تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق پىلانلار تۈزۈلمەكتە . ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇ پىلان ئۇلانمىلار بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ ، كەڭ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇلانمىلار نەتىجىلىرى تۈرىدىن بۇ ھەمكارلىق ئەھۋالىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈش بىلەن بىرگە ، بۇنىڭدىن كېيىن قولايلىق بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئۇلانمىلار بلوگىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلارنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ياسىغان ئالاھىيدە مەھسۇلاتى بلوگلىرىمىز http://bloglirimiz.blogspot.com/ بلوگىنىڭ ئەسلىدىكى دوستانە ئۇلىنىشلار سەھىپىسى ئۆزگەرتىلىپ ھەمكارلاشقۇچىلار قىلىنىدۇ ،ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدىكى ماقالە تۇغ ئۇلىنىشى قىلىنىدۇ .
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بلوگلىرىمىز http://ulanmilar.blogspot.com/ۋە ئۇلانمىلارhttp://bloglirimiz.blogspot.com/نىڭ ياسىلىشى قايتا– قايتا تەشۋىق قىلىنىدۇ ؟
تۆۋەندە بۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇ ئىككى بلوگ ھەققىدىمۇ ئازراق ئۇچۇرلار تەمىن ئېتىلىدۇ :
ياسىلىش سەۋەبى ۋە ئەھمىيتى : ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيلىك بلوگچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى ۋە خەلىقئارالىق ئۇچۇر ماتورلىرىدىكى ئۇچۇر مىقدارىنى سان جەھەتتىنلا ئەمەس سۈپەت جەھەتتىنمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش . بىزدە بلوگ ياسايدىغانلاردا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ تېخىمۇ ياخشى بلوگلارنى يېزىشقا تىرىشىدىغانلار ئاز بولغىنىدەك ، ئۇيغۇر يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىلى ، موزىيېلاردا ساقلانمىسۇن ، دەپ جار سالغان ئوتيۈرەك مىللەتپەرۋەر كىشىلىرىمىز ئىچىدە« تورچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىلى ، يېزىقىمىز خەلىقئارالىق ئۇچۇر ئامبارلىرىدا گۆھەر بولۇپ ساقلانسۇن ، تېخىمۇ كۆپ شېركەت ۋە ئورۇنلار ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ،تېخىمۇ كۆپ داڭلىق ئېنىستۇتلار ئۇيغۇرتىلى كەسپى ئاچىدىغان،توردىن ئۇيغۇرچە ئۆگېنىدىغان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش دېتاللىرى ۋە تور بەتلىرىنى ياسايدىغان ، يۇقىرى مەبلەغ چىقىرىپ پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرتىلى دەرسلىكى تۈزۈش خىزمەتلىرى ئىشلىنىدىغان ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا يۇقىرى مائاشلارنى تەمىن ئېتىپ ، ئۇيغۇرچە ئۆگېتىپ قويساڭ دەپ ئىزدەپ كېلىدىغان چەتئەللىكلەر ئۈزلۈكسىز كۆپيىدىغان ، بىز ئىزدەپ بارمىساقمۇ بىزنى ئىزدەپ كېلىپ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بېرىپ ، ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتلىرىنى بىزگە قارىتىدىغان ، خەلىقئارادىكى داڭلىق بايلار خەيىر– ساخاۋەتكە ئاتىغان پۇللىرىنى بىزدىمۇ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلىرىمىزگە بېرىدىغان بولسۇن » دەپ ئويلايدىغانلار ئاز .
ۋەزىپىسى : ئۇيغۇرلاردا بىر قەدەر مۇقىم بولغان بلوگ سۇپىسىنىڭ بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە ،خەلىقئارالىشىشىنى نەزەرگە ئېلىپ blogbus ۋە blogspot قاتارلىقلاردىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئېلان قىلىۋاتقان بارلىق بلوگلارنى توپلاش ۋە رەتكە سېلىش ئارقىلىق تور بەتلەرگە ئوخشاپ قېلىپ ، تورداشلارنى بلوگ ھەققىدە خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مونوپۇللۇق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ شەخىسلەرنى ئۆز قولىدىن كېلىدىغان دائىرىدە بلوگ يېزىشقا ئاتلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىدەك ئەھۋالغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ، ھەم شۇنداقلا تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەندە ئۆز ئارا رىقابەتنى كۈچەيتىپ سۈپەتسىز ، ئەھمىيەتسىز بلوگلارغا نىسبەتەن تازىلاش ئېلىپ بېرىپ بلوگ مەدەنىيتى يارىتىش ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىز ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۇيغۇرچە مەزمۇن بولسا خالىغان ئىزدەش ماتورىغا كىرىپ شۇ مەزمۇننى كىرگۈزسىلا مۇناسىۋەتلىك ماقالىگە ئېرىشەلەيدىغان ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش .
ئاساسلىق مەقسەتكە يېتىش ئۇسۇلى : تەشۋىقات قىلىش ، مەخسۇس تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى يېزىش ، كىيۇ كىيۇ توپى قاتارلىقلاردا بلوگ تېخنىكىسى ھەققىدە ئۇزاق مەزگىللىك ۋە قەرەللىك ھالدا تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ، بلوگنىڭ ئېلان كىرىمىنى يەنىلا باشقا جايلاردا ئېلان بېرىشكە ۋە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ، ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى تەمىن ئېتىپ بلوگچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش .
تۆۋەندە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغا ئىككى بلوگ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ :
http://bloglirimiz.blogspot.com/سول تەرەپ ئۈستى قىسمى
ئوڭ تەرەپ ئۈستى قىسمى
پايدىلىنىش قىممىتى بولسۇن ئۈچۈن سول تەرەپ سەھىپە تۈرىگە دۇنيا ئىقتىساد ئەھۋالى گىرافىكلىرى بېرىلدى ، بلوگقا ھەربىر كىرىسىڭىز ، ئۇچۇر بىر يېڭىلىنىدۇ
بۇ ئاستىنقى قىسمى
http://ulanmilar.blogspot.com/
بۇ سول تەرەپ ئۈستى قىسمى ، چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن ، ئىشلىتىپ كۆرەيلى ،
مائۇس ئىستىرىلكىسىنى ئۈستىدە ئەسكەرتىلگەن ئورۇنغا ئەكەلسەك تۈرلەر كۆرۈنىدۇ
بىرىنجى تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بلوگلار ئادرېسى چىقىدۇ
پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئون چوڭ بلوگنىڭ بلوگچىلىقتىكى تۆھپىسىنى ئېتراپ قىلىش ئۈچۈن سول تەرەپ سەھىپە تۈرىگە بۇ ئون چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالە ئۇچۇرلىرى چىقىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قوللىشى ئارىسىدا بلوگلىرىمىز راۋاجلانغۇسى ، ياردەم قولىڭىزنى سۇنغايسىز ، ئەگەر بلوگ سىزگە ياقسا بلوگ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قويغايسىز ، بۇ ماڭا ياخشى مەدەت بولۇپ قالغۇسى .يۇقىرىقى تېمىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن .