2009.يىلى 4.يانۋار
ئۇزاق مەزگىللىك كۆزىتىش ، پىلانلاش ۋە يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن تۆت كۈنلۈك جىددىي خىزمەت ئارقىلىق تاماملاپ چىققان ئۇيغۇرچە بلوگ توپلاملىرى ئۇلانمىلار بلوگى كەڭ تورداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن سۇنۇلدى .
دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزۈم كۆپ زىيارەت قىلىدىغان بلوگلارنى تۈرگە ئايرىپ ، رەتلەپ ، بىر تېما ئاستىدا ئۇلىنىش قىلىپ ئالدىم . بۇ جەرياندا ‹ئۈچ بەك ›بلوگلىرى شاللىۋېتىلدى ، بۇ ئۈچ بەك :
1.ئېلان بەك كۆپ . كىچىككىنە بلوگقا مەزمۇندىن جىق ئېلان قويىۋەتكەن .
2.مەزمۇن بەك چېچىلاڭغۇ . مەيلى تور بەت بولسۇن ، مەيلى بلوگ بولسۇن مەزمۇندىكى ئىزچىللىق تورداشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئالدىنقى مەسىلە .
3.مەزمۇن بەك ئاز . بەزى بلوگلار قۇرۇلغىنىغا خېلى كۆپ ۋاقىت بولۇپ بولغان بولسىمۇ لېكىن نەچچە ھەپتىدە ، ھەتتا نەچچە ئايدا ئاران بىر تېما يوللانغان ۋە ياكى پۈتۈن بلوگدىكى ماقالە سانى 15تىن ئاشمىغان يېڭىكەلدى بلوگلار ۋاقتىنچە ئۇلانمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى .
بەزى تۈرلەرنى تۈرگە ئايرىشتىن بۇرۇن بېكىتكەن بولساممۇ ، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىك بلوگلارنى تاپالمىدىم ، مەسىلەن ئىسلام ، تەبئىي پەن مەزمۇنىدىكى بلوگلارنى كەڭ تەشۋىق قىلغۇم بار . كەڭ تورداشلار ۋە بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇلانمىلار بلوگىدا تەمىنلەنگەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بويىچە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن . بىرلىكتە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى !
لىق ۋىۋىسكا ULY
-
ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرىدىكى پولات ئەپەندىمنىڭ يازمىسى
ئۇيغۇر (لاتىن)يېزىقىنى زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردا ئۆلچەملىك ئىشلىتەيلى